تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 21|ئىنكاس: 0

"قوش يېڭىش" يېڭى يىللىق ياخشى ئامەت، باھار بايرىمىلىق ئائىلە بويىچ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  ۋاقتى: 2017-2-9 12:12:10 |كۆرۈش شەكلى
"قوش يېڭىش" يېڭى يىللىق ياخشى ئامەت، باھار بايرىمىلىقئائىلە بويىچە خەينەن ساياھىتى
      2017 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، 'قوش رەڭلىڭتوپ" ئۇيۇنىنىڭ 2017001 – قېتىملىق مۇكاپات ئېچىلىش كۈنى.
-   يېڭى يىلنىڭ تۇنجى قېتىملىقىدىلا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بەكلا تەلەيلىك ئىكەنمەن!
1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئەتىگەندىلا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى خوشاللىقىدا ئۆزىنى يوقاتقان سۇڭ ئەپەندىمنى كۈتۈۋالدى، ئۇمەزكۇر قېتىملىق ئۇيۇندا بىر قېتىمدا 154219 يۈەنلىك ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەنىدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى سورىغاندا، سۇڭ ئەپەندىم ھاياجاندىن ئۆزىنى باسالماي، قوش يېڭىش، قوش يېڭىش! دەپ كەتتى.
ئەسلىدە، سۇڭ ئەپەندىم ئىلگىرى تاماكىنى بەك كۆپ چېكىدىغان بولۇپ، ھارقانداق قىلىپمۇ تاشلىيالمىغان ئىدى. كېيىن بىر قېتىملىقتا سادىپىي پۇرسەتتە 'قوش رەڭلىك توپ" لاتارىيەسىدىن بىر قېتىملىق سېتىۋالدى ھەمدە ئۇنىڭدا ئون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئۇ خوشاللىقىنى ئايالىغا دېدى:
-ئىككى يۈەن خەجلەپ، ئون يۈەن ئۇتۇۋالدىم، بۇ تاماكاچەككەنگە قارىغاندا كۆپ پايدىلىق ئىشكەن!
ئايالىمۇ دەرھاللا سۇڭ ئەپندىمنى تاماكا تاشلاشقا ئۈندەپ مۇنداق دېدى:
-كېيىن ئەمدى تاماكا چەككىڭىز كەلگەندە بېرىپ لاتارىيە ئېلىپ، مۇشۇنداق قىلىپ تاماكىنى تاشلاپ قالامسىز تېخى!
مانا شۇنىڭدىن كېيىن سۇڭ ئەپەندىم ئۆزىگە ھەرقېتىملىق لاتارىيەدىن ئون يۈەنلىك سېتىۋېلىش ئۆلچىمى بەلگىلىدى، ھەرقېتىم تاماكا خۇمارى تۇتقاندا ئۇ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ: تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق، تاماكاچەككەن پۇلغا لاتارىيە سېتىۋېلىپ، ياخشى ئىش قىلغان ئەۋزەل، تېخى مۇكاپاتقائېرىشىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس! دېدى. سۇڭ ئەپەندىمنىڭ بۇ خىل سالامەتلىك ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ئۈستىگە قۇرۇلغان لاتارىيە سېتىۋېلىش قىلمىشى ئۆيدىكىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئارىلاپ ئېرىشىپ قالغان كىچىك مۇكاپاتلارمۇ ئۇنىڭغا زور خۇشاللىق بېغىشلىدى.
2016 – يىلى 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، يىل ئاخىرىدىكى ئاخىرقى بىر كۈندە، ئۇ يېڭى يىللىق ياخشى باشلىنىش ئۈچۈن، 65010570 لاتارىيە پونكىتىدىن ئىلگىرى دائىم سېتىۋالىدىغان 'قوش رەڭلىك توپ" لاتارىيەسىدىن ئون يۈەنلىك سېتىۋالدى. ئەمما ئۇنىڭ پەقەتلا ئويلىمىغىنى شۇ بولدىكى، ئەتىسى ئەتىگەندە'قوش رەڭلىك توپ" مۇكاپاتىنىڭ ئېچىلىشىنى تېلىۋېزوردىن كۆرگەندە، مۇكاپات نومۇرىدىكى قىزىل توپ، 09، 11، 14، 20، 25، 26 كۆك توپ 15 بولۇپ، سۇڭ ئەپەندىم ئالغان ئۈچىنچى لاتارىيەسىدىكى نومۇر بىلەن تامامەن ئوخشاش ئىدى، ئۇ بۇ قېتىملىق لاتارىيەدە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنىدى.
'2017 –يىلىدىكى بىرىنچى كۈندىلا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم،بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى باشلىنىش بولدى، دېمەك بۇ يىل مېنىڭ ئىشلىرىم ئوڭ بولغۇدەك، ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن"   سۇڭ ئەپەندى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن پۇلنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بۇنى كېلىۋاتقاچ يولدا ئويلاپ بولغانلىقىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، خەينەنگە ساياھەتكە بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
QQ截图20170209115757.jpg


ئىنكاس

جابدۇق

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2017-2-21 11:38 , Processed in 0.139657 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش