تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 50|ئىنكاس: 0

بالزاك ۋە گراندې

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    بالزاك ۋە گراندې

                           ئەزىز نىياز پاسىل

                    (ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتى لېكتورى)

قىسقىچە مەزمۇنى: گراندې بالزاكنىڭ «ئېۋگېنى گراندې» رومانىدىكى باش قەھرىمان، يازغۇچى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان ئوبراز بولۇپ، ئۇ فىرانسىيە ئەدەبىياتى تارىخىدىلا ئەمەس ئەينى دەۋر ياۋروپا ئەدەبىياتىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق تىپ. ماقالىدە، بالزاكنىڭ ياۋروپا ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ۋە ئۇ ياراتقان مەشھۇر تىپ گراندې ئوبرازى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: بالزاك؛ گراندې؛ تىپ


چەت ئەل ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشى بىلەن ئۆتكەن  25 يىلىمغا نەزەر سالغىنىمدا، ماڭا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قىلغىنى 19-ئەسىر ياۋروپا تەنقىدى رېئالىزم ئەدەبىياتى ئىدى. بولۇپمۇ بالزاكنىڭ «ئېۋگېنى گراندې» رومانى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەن ۋاقتىمدا، گەرچە ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا قالتىس ھاياجانلىنىپ، كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتسەممۇ، ئىشخانىغا قايتقان ۋاقتىمدا خىياللار تەكتىگە چۆكۈپ قالاتتىم، گراندېدەك ئادەملەرنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا ياشىغانلىقىغا زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. يېقىنقى مەزگىللەردە نام-مەنپەئەت، مال-دۇنيا ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان، پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدىغان، قەلبى چىرىپ كەتكەن، ۋۇجۇدىدا ئادىمىيلىك يوقالغان بىر تۈركۈم ئادەملەرنىڭ بىزنىڭ بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقىنى، ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق، ئىنسانىي خىسلەت، ئۇدۇم -ئېتىقادلىرىمىزنىڭ ئاشۇلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، بالزاكتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ يازغۇچىنى قايتىدىن تونۇشقا باشلىدىم ھەمدە گراندې ئوبرازىنى قايتا تەھلىل قىلىش ئارقىلىق زىيادە ئاچكۆزلۈك، مال-دۇنياغا بېرىلىشنىڭ ئادەمگە قانداق زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قويۇشنىڭ بەلگىلىك ئەھمىيىتى بار، دەپ قارىدىم.
بالزاك ـ 1799-يىلى بۇ دۇنياغا «گۈزەل فىرانسىيە» ئۈچۈن بىر سادىق پۈتۈكچىنى ئاپىرىدە بولدى، ئۇنىڭ پېشانىسىگە فىرانسىيە تارىخىنى بايان قىلىش پۈتۈلگەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گىگانت قەلىمى بىلەن، 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى فىرانسىيەنىڭ رەڭگارەڭ جەمئىيەت كارتىنىسىنى دەل جايىدا سۈرەتلەپ بەردى. مانا بۇ بالزاك، مانا بۇ ئۇنىڭ «ئىنسان كومېدىيەسى» ئىدى.
«ئىنسان كومېدىيەسى» بالزاك ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، بالزاك مۇشۇ تېما ئاستىدا 137 پارچە رومان يېزىپ، 19-ئەسىر فىرانسىيە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ چىقىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ بىر پارچە ئىجتىمائىي ئادەتلەر تارىخىنى قالدۇرۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ 1850-يىلى ئەمدىلا 50 ياشقا كىرگەن يازغۇچى ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ تولىمۇ قىسقا ھاياتى پىلانىنى تولۇق ئورۇنداشقا يار بەرمەيدۇ. ئۇ ھاياتلىقىدا 91 پارچە روماننى يېزىپ تاماملىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئېۋگېنى گراندې» رومانى بالزاكنىڭ «ئەڭ ئۆزگىچە بىر پارچە كارتىنىسى» ئىدى. روماندا گراندىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئوبرازنى يارىتىش ئارقىلىق، بۇرژۇئازىيەنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قان تېمىپ تۇرغان بېيىش تارىخىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. پۇلغا چوقۇنۇش ئېلىپ كەلگەن رەزىل ئىجتىمائىي قىلمىشلار ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ياتلىشىشىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ھونۇرى دې بالزاك 19-ئەسىر فىرانسىيە تەنقىدىي رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىلى، شۇنداقلا ياۋروپا تەنقىدىي رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلۇغ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، مىللەتنىڭ مەخپىي تارىخى دەپ نام ئالغان بۇ ئۇلۇغ ئەدىبنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۆزىدىكى مول ھەم تەڭداشسىز سېھرىي كۈچ ئارقىلىق، ئۆز دەۋرىدىكى ھەمدە ئۆزىدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى يازغۇچىلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ۋە كۆرسەتمەكتە.
بالزاك كىچىكىدە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان. كېيىن بىر نەچچە يىل قانۇن ئۆگەنگەن ھەمدە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ دەۋاگەرلەر ۋەكىلى ھەم گۇۋاھچىلار مەھكىمىسىدە پىراكتىكانت بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ خىزمەتلەر بالزاك ئۈچۈن بىر جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان. ئۇ ھەر خىل دېلولارنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا مال-دۇنيانى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يېيىۋاتقان جىددىي كۈرەشلەرنى كۆرۈپ جەمئىيەتنىڭ رەزىل ئىچكى ماھىيىتىنى كۆزەتكەن.
بالزاك فىرانسىيە جەمئىيىتىدە سىنىپى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، سىنىپى كۈرەش كۈندىن-كۈنگە ئۆتكۈرلىشىۋاتقان ئالاھىدە بىر دەۋردە ياشىغان بولۇپ، ئۇ دەۋردىكى ئاساسىي زىددىيەت فېئودال ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بۇرژۇئازىيەنىڭ ھاكىمىيەت تالىشىش كۆرۈشى بولۇپ، قوراللىق ماجىرالار بولۇپ تۇراتتى. ھەرقايسى گۇرۇھلار ئوتتۇرسىدىكى سىنىپىي ئېلىشىشلار ئادەتتىن تاشقىرى كەسكىنلەشكەنىدى، بالزاك سىياسىي جەھەتتە فېئودال ئاساسى قانۇنلۇق پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى قوغداش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرگەن بولغاچقا، ھەممىنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان ۋە نازۇك مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولغان بۇرژۇئا ئىنسانپەرۋەرلىكىنى ھىمايە قىلاتتى. دېمەك، بالزاك ئىدىيەسى بۇرژۇئا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيەسى بولۇپ، ئۇ مۇستەبىت فېئودال پادىشاھلىق ھاكىمىيەتكە قارشى تۇراتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەم ئۆزىنىڭ ئەمەلى ھەرىكىتىدە فىرانسىيە كاپىتالىستىك سانائىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلاتتى.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، بالزاكنىڭ دۇنيا قارىشى بىر خىل مۇرەككەپلىككە ئىگە. ئۇ دۇنيا قاراش جەھەتتە پۈتۈنلەي فېئودال ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىغىمۇ تەۋە ئەمەس. دىققەت قىلساق، بالزاكنىڭ ئىدىيەسىدە قالاق ئىدىيەلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ھەم ئەينى ۋاقىتتىكى خېلى ئىلغار بولغان ئىدىيەلەرنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرىمىز. بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن دۇنيا قاراش جەھەتتىكى مۇرەككەپلىك ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشىنى توغرا ئىگىلىمەي، توغرا تەھلىل قىلماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر ئەسىرىگە باھا بېرىش مۇمكىن ئەمەس. بالزاك ئەسەرلىرى، بېخىللىق، پىخسىقلىق، مۇستەبىتلىك، ھىيلىگەرلىك قاتارلىق يامان ئىللەتلەرنى قامچىلايدۇ. رەھىمدىللىك ۋە باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
گراندې ــ بالزاكنىڭ ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى «يېۋگېنى گراندې» رومانىدىكى باش قەھرىمان، يازغۇچى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سۈرەتلەپ بەرگەن ئوبراز بولۇپ، فىرانسىيە ئەدەبىيات تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەينى دەۋر ياۋروپا ئەدەبىياتىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق تىپ.
بالزاك ئىجادىيىتىدە تەنقىدىي رېئالىزم ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قاتار مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى ئارقىلىق كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ يىرگىنىشلىك ئەپتى–بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. بالزاك ئەسەرلىرىدە ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ مۇقەررەر ھالاكىتى كۆرسىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە غەلبە قىلغان بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ چىرىكلىكى ۋە چۈشكۈنلۈكىنى چوڭقۇر پاش قىلىندى. پۇلنىڭ جىنايىتى كەڭ ۋە چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلدى.
گراندې خاراكتېرىنىڭ تەرەققىياتى بۇنىڭ تىپىك كۆرۈنۈشىدۇر. روماندا گراندې خاراكتېرى ئىنچىكە، جانلىق تەسۋىرلەنگەندىن تاشقىرى، يەنە ئۆزىگە خاس بولغان ئىندىۋىدۇئال خۇسۇسىيەتلەرگە باي قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. شۇ ئارقىلىق گراندې خاراكتېرىنىڭ ئىجتىمائىي ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرگەن.

1. ئاچكۆزلۈك، رەھىمسىزلىك، بېخىللىق

گراندې كاپىتالىستىك جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيەنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ، مەككار، ئاچكۆز، بېخىللىققا تايىنىپ بىردىنلا بېيىپ كەتكەن ئوبرازدۇر. گراندې دەسلەپتە ئانچە باي ئەمەس ئىدى. ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر بولغاچقا، باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىپ تېز بېيىيدۇ. گراندې ئائىلىسىدە ھەرقانداق ئىش ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولىدۇ. ھەتتا كۈندىلىك تاماقنىڭ تۈرى، تاماق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان گۆش، ماي، ئۇن... قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنىمۇ ئۆزى ئۆلچەپ بېرىدۇ. ئۇ پۇل ھېسابىنى قىلىشنى بىر خىل ھۇزۇرلۇق ئىش دەپ قارايدۇ. گەرچە گراندىنىڭ پۇلى ھەددى-ھېسابسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن غۇربەتچىلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. گراندېنىڭ خوتۇنى بىلەن قىزى ئۇنىڭ بۇنداق خەسىسلىكىگە كۆنۈپ كەتكەن. شۇڭا، بۇ ئائىلىدە بەخت-سائادەت دېگەندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ھەم خەسىسلىك تۈپەيلى ئازاب -ئوقۇبەتمۇ ھېس قىلىنمايدۇ.
قىزى يېۋگېنىنىڭ سۆيگىنى كارىلنىڭ گراندې ئائىلىسىگە پاناھ تارتىپ كېلىشى پىخسىق گراندېنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ. كارىلنىڭ گراندې ئائىلىسىدە تۇرۇپ بىر كىشىلىك راسخۇدنى كۆپەيتكەنلىكى خۇددى ئىنتايىن ئېغىر چىقىم بولىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. بولۇپمۇ قىزى ئېۋگېنى بىلەن كارىل ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت تۈپەيلى گىراندى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىدىن بىرمۇنچە نەرسىلەرنىڭ بىھۇدە چىقىم بولىشى گراندىنى چىداپ تۇرغۇسىز ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. گراندې قىزىنىڭ ئالتۇن بۇيۇملىرىنى بىر نەۋرە ئاكىسىغا بەرگەنلىكىنى پەرەز قىلىپ، دەرھال ئۆيىگە قاماپ، نەزەربەند قىلىپ قۇرۇق بولكا بىلەن سوغۇق سۇلا بېرىدۇ.
دېمەك، «يېۋگېنى گراندې» رومانىدا گىراندېنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتى ۋە خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىشى پۇل ۋە مەنپەئەتكە مەھكەم باغلانغان ھالدا ئېچىلىپ بارىدۇ. ئۇ كىچىككىنە ئارتۇق چىقىم تۈپەيلىدىن شۇنچىلىك ئازابلىنىدىغان، كىچىككىنە مەنپەئەتكە ئېرىشسە شۇنچىلىك شادلىنىپ كېتىدىغان ئادەم.

2. ھىيلىگەرلىك، مەككارلىق، ساختىپەزلىك

گراندې يەنە بىر تەرەپتىن ئىنتايىن قۇۋ، ھىيلىگەر، مەككار، ساختىپەز ئوبراز. مەسىلەن، گراندې قىزىنى نەزەربەند قىلىپ قويۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر كۈنى قىزىنىڭ قولىدىكى ئالتۇن زەنجىرنى كۆرۈپ قېلىپ، دەرھال قوزىغا ئېتىلغان بۆرىدەك ئېتىلىپ بېرىپ، قىزىنىڭ قولىدىكى ئالتۇننى تارتىۋالىدۇ-دە، «ساپ ئالتۇنغۇ ـ بۇ، ئالتۇن!» دەپ ھاياجانلىنىپ ۋارقىراپ كېتىدۇ. ئالتۇننى چىشلەپ باقىدۇ ھەمدە پىچىقى بىلەن قىرىپ ئالتۇننىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى سىناپ باقماقچى بولىدۇ.
دەل شۇ پەيتتە ئېۋگېنى بىر پىچاقنى تۇتۇۋېلىپ: «ئاتا! قولىڭىزدىكى پىچاق ئالتۇن قۇتىغا تەگكەن ھامان مانا بۇ پىچاق بىلەن جېنىمدىن جۇدا بولىمەن!...» دەپ قاتتىق ۋارقىرايدۇ. بۇ ئىشنىڭ قىزىنىڭ نازۇك، ساپ مۇھەببىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن خوتۇنى ئۆزىنى يوقۇتۇپ ھوشىدىن كېتىدۇ. گراندې بولسا، خوتۇننى داۋالىتىشقا ئارتۇقچە چىقىم كېتىشىدىن ئەنسىرەپ دۇدۇقلاپ، ھودۇقۇپ كېتىدۇ-دە، ئالتۇنغا چېقىلىشقا پېتىنالماي دەرھال قىزىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەمما، خوتۇنى شۇ ياتقىنىچە ساقىيالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىردىنلا ئىنتايىن رەھىمدىل، مۇلايىم ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ-دە، قىزىنى دەرھال نەزەربەندتىن بوشىتىدۇ.
بۇ يەردىكى ئۆزگىرىش گراندېنىڭ قىزىغا ئىچ ئاغرىتقانلىقتىن ئەمەس، بەلكى قىزىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بارلىق مال-مۈلۈكنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش غەم-قايغۇسىدىن بولغان. گراندې ئىلاجى بار قىزى بىلەن ئەپ بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتەلمەيدىغان گۆدەكلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئارىغا كېلىشتۈرگۈچى قويۇش ئارقىلىق ئاخىرىدا قىزىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ.
دېمەك، گراندې پۇل-مەنپەئەتكە شۇنچىلىك مەستانىلىق بىلەن بېرىلگەنكى، ئۇ ئەر-خوتۇن، ئاتا-بالا ئوتتۇرسىدىكى نازۇك ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىپ، پۈتۈن بايلىقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش ھېسابىغا ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدۇ. قىزىغا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي: «سەن مېنى نىجاتلىققا ئىگە قىلدىڭ» دەپ ئۆزىنىڭ مال-دۇنيانى ھىيلىگەرلىك بىلەن قولغا كىرگۈزىۋالغانلىقىدىن تاپقان خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. گۇۋاھچى يېۋگېنىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق قول قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغاندا بولسا، گراندې گۇۋاھچىغا شۇنچە سىلىق مۇئامىلە قىلىۋاتقان ھالىتىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىپ، قوپاللىق بىلەن «تولا گەپ قىلما، گېپىمىز گەپ!» دەپ رەت قىلىپ، يېۋگېنىنىڭ ئىشنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، قاتتىق ساراسىمىگە چۈشىدۇ.
بالزاك مانا بۇ يەردە گراندېنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق رەزىل ئويۇنلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ مەنپەئەت ئۈچۈن پۈتۈن ئار-نومۇس، ۋىجدانىنى يوقاتقان، چىرىكلەشكەن ئىچكى دۇنياسىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن.
«يېۋگېنى گراندې» رومانىدىن گراندېنىڭ پۇل ۋە مەنپەئەت ئۈچۈن تۈرلۈك ئالدامچىلىق ۋە ئۆكتەملىكلەرنى قىلىشتىن يانمايدىغان رەزىل خاراكتېرىنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا قاتتىق نەپرەتلىنىمىز، شۇنداقلا بۇرژۇئازىيەنىڭ پۇل خۇمارلىق جىنايەتلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.

3. دۇنياخورلۇق

گراندې دۇنياخورلۇقنىڭ كامالەتكە يەتكەن رەزىل تىپىدۇر. ئاپتور روماندا، گراندېنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاراكتېرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن. مەسىلەن:
گراندې بىرەر سودا قىلغاندا، پايدا ئېلىشقا كۆزى يەتسە شۇنداق ناتىق، خۇشخۇي، زېھنى ئۆتكۈر، ئەمما زىيان تارتىدىغان ياكى پايدا ئالالمايدىغاننى بىلىپ قالسا، دەرھاللا تىلى كالۋالىشىپ، گېپىنى ئۇققىلى بولمايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى ئاسانلىقچە چۈشەنمەيدىغان، زېھنى گالۋاڭ، بىغەرەز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ قەھۋەگە بىر چاقماق قەنتنى ئارتۇق سېلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن بويىغا يېتىپ قالغان قېزىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قالىدۇ، جان ئۈزۈش ئالدىدا قىزىغا قىلغان ئاخىرقى ۋەسىيىتى: «ئالتۇنلىرىمغا ئوبدان قارا، ئۇ دۇنياغا بارغاندا ھېساب بېرىسەن!» دېگەندىن ئىبارەت. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئاچكۆزلۈك، دۇنياخورلۇقتىن بولۇۋاتقان ئىش.
بالزاك گراندې خاراكتېرىدىكى بۇنداق رەزىللىكلەر ئارقىلىق ئەينى دەۋردىكى كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ رەزىل جىنايەتلىرىنى، كىشىلەردىكى رەھىمدىللىك، مېھرىبانلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەتتىكى نورمال مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ كاپىتال يىغىشقا بولغان ئەسەبىيلەرچە ئاچكۆزلۈكىنى رەھىمسىزلەرچە قامچىلايدۇ.
مال-دۇنيانى جېنىدىن ئەزىز كۆرۈش گراندې ئوبرازىنىڭ خاراكتېرىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل. روماندا، بۇ خىل ئالاھىدىلىك گراندېنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگىچە، مىجەز خۇلقىغىچە، ئائىلىدىكى ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگىچە، ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىدىن قالغۇچە بولغان پۈتۈن ھاياتىغا سىڭدۈرۈلگەن.
بالزاك روماندا، گراندېدىن ئىبارەت بۇ بۇرژۇئازىيەنىڭ تىپىك ۋەكىلىنىڭ جىنايەتكار ئالاھىدىلىكلىرىنى تەسۋىرلىگەندە، ئۇنىڭ ئۆز خوتۇنى، قىزى ۋە خىزمەتچىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى مەركەز قىلىپ، ۋەقەلىكنى قانات يايدۇرغان. ئۇنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن پۇلى بولسىمۇ، خەجلەشكە كۆزى قىيمايدۇ، ئائىلىسىدە ناھايىتى تېجەشلىك بىلەن غۇربەتچىلىكتە كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ھەتتا ئولتۇرغان ئۆيىنىڭ پەلەمپىيى بۇزۇلۇپ كەتسە پۇل كېتىدۇ، دەپ رېمونت قىلدۇرمايدۇ. ئۆز قىزىنى يەمچۈك قىلىپ، قىزىغا توي تەكلىپى قويغان ئادەمنى قىزىقتۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرىدىن نەپ ئۈندۈرۈۋالىدۇ. ئۇنىڭ قىزى ئېۋگېنى نەۋرە ئاكىسى شارىلنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بىراق، گراندې شارىلنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، يەنە تېخى بۇ يەتمىگەندەك ئېۋگېنىنى بالىخانىغا سولاپ قويۇپ، ھەر كۈنى ئۇنىڭغا سوغۇق سۇ بىلەن كۆكۈرۈپ قالغان بولكا بېرىدۇ، قەھرىتان قىشتىمۇ ئوت قالىغىلى قويمايدۇ، خوتۇنى ئاغرىپ قالغاندا، بىر ياماق خەجلەپ دوختۇر چاقىرىشقا چىدىمايدۇ، ئۆزى خالىغان تاماقنى يېيىشكە يول قويمايدۇ، مىھمان چاقىرىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ.
بىز بۇ جەريانلاردىن گراندېنىڭ ئۆز خوتۇنى بىلەن قىزىغا قىلىۋاتقان زۇلمى ۋە بېسىمىنىڭ مۇشۇنچىلىك قەبىھ بولۇۋاتقان يەردە باشقا كىشىلەرگە تېخىمۇ رەھىمسىزلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلىشتىن يانمايدىغان، ئاچكۆز خاراكتېرىنى شەك كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆرۈۋالالايمىز. ئۇ گاھ خۇشال بولسا، گاھ غەمگە پاتىدۇ، گاھ يولۋاستەك يۇلقۇنۇپ پۇل ۋە مەنپەئەتكە ئۆزىنى ئاتسا، گاھ قويدەك مۇلايىم بولۇپ قارشى تەرەپنى «گراندېنى خاتا چۈشۈنۈپ يۈرگەن ئوخشايمىز» دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ، يول قويۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇ بەزىدە يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى توقۇپ باشقىلارنى ئالدىسا، بەزىدە كۆڭلىدىكى گەپنى ئۇدۇل ئېيتىۋېتىدىغان تۈز كۆڭۈل قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. ئەمما، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇ ھەرگىز ئۇتتۇرمايدۇ.
گراندې بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە بىر كېچىدىلا بېيىغاندىن كېيىن، سودا ئەتكەسچىلىكى ۋە يۇقىرى نىسبەتلىك ئۆسۈم بىلەن شىلىۋېلىش، زايومغا مەبلەغ سېلىش، ھايانكەشلىك قىلىش قاتارلىق جىنايى ۋاسىتىلەر بىلەن زور مىقداردا بايلىق توپلىۋالىدۇ. بۇ بىر كېچىدىلا بېيىپ كەتكەن تىپىك بۇرژۇئازىيەنىڭ بېيىش تارىخىدىكى ھەربىر قەدىمىگە ئىپلاس دېگەن سۆز تامغا بولۇپ بېسىلىپ كەتكەن. ئۇنىڭ تارىخى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئەينى چاغدىكى بۇرژۇئا «يېڭى ئاقسۆڭەكلىرى» بۈيۈك ئىنقىلابنىڭ غەلىبە مېۋىلىرىنى بۇلاپ-تالاش ۋە خەلقنىڭ مال-مۈلكىنى شۈلىۋېلىش ئارقىلىق بېيىغانلاردۇر. پۇلنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ئۇ ئاچكۆزلۈك، ھىيلىگەرلىك، ياۋۇزلۇق ھەم ئۇچىغا چىققان بېخىللىقىنى ئاشكارىلايدۇ. ھەتتا ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلىرىگىمۇ ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت قىلمايدۇ. ھەممىدە پۇلنى ئۆلچەم قىلىدۇ. بۇ ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا باشقىلارنى قۇل قىلىدىغان كىشى، روھى جەھەتتە پۇل ۋە بېيىشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ئىستەكنىڭ قۇلى ئىدى. بالزاك بېيىش ئارزۇسىنىڭ قانداق قىلىپ گراندېنىڭ كۆڭلىنى قوپقۇرۇق، پۇچەك قىلىپ قويغىنىنى، ھايۋانىي تەبىئەتنىڭ قانداقلارچە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا يوقالماي داۋاملىشىۋاتقىنىنى ھەمدە نورمال ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك ئادىمى ھېس-تۇيغۇلارنىڭ قانداقسىگە تامامەن يوقالغانلىقىنى ماھىرلىق بىلەن ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. مال-دۇنياغا تويماسلىق ئۇنى پىخسىقلار ئىچىدىكى پىخسىققا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، ئۇنىڭ بېيىش تارىخى دەل بۇرژۇئازىيەنىڭ بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىشىدەك قان بىلەن يېزىلغان جىنايەتلىك تارىخ ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

پايدىلانمىلار:

1. مۇھەممەت ئىمىن: «چەت ئەل ئەدەبىياتى»، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 1998-يىل 10-ئاي، 1-نەشرى.
2. «چەت ئەل ئەدەبىياتى» (ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش دەرسلىكى)، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 1996-يىلى 1-ئاي، 1-نەشرى.
3. يۈسۈپ قاسىم: «چەت ئەل ئەدەبىياتى ھەققىدە»، 1980-يىلى قەشقەر شەھەرلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى باستۇرغان.
4. «چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن 55 لېكسىيە»، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى باستۇرغان، 1984-يىل.
5. ئەكبەر قادىر: «دىسسېرتاتسىيە يېزىقچىلىقى ۋە ئەمەلىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 4-ئاي، 1-نەشرى.
6. «دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەر» (2-كىتاب)، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى، 2011-يىلى 3-ئاي، 1-نەشرى.
7. «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، 1981-يىللىق 3-سان.
8. بالزاك: «ئېۋگېنى گراندې» رومانى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1982-يىل 1-نەشرى.

تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


                  艾则孜.尼亚孜帕斯里   

摘  要:葛朗台是巴尔扎克的代表作《欧也妮.葛朗台》作品中的主人公,作者成功的将葛朗台塑造成了一个贪婪、狡诈、吝啬、崇尚金钱的人,在法国文学史上,甚至欧洲文学史上具有十分重要的意义。为十九世纪欧洲批判文学树立了典范,成为十九世纪欧洲批判现实主义文学的代表著作。该著作不仅批判了资本家的拜金主义,更多的从侧面同情欧也妮的遭遇。这部著作反映的拜金主义,不仅在十九世纪有,现在社会上也有很多人崇尚拜金主义。崇尚金钱不仅仅是个别现象,而是成为一种社会现象,对社会的发展会产生了不良影响。
关键词:葛朗台;批判现实主义文学;拜金主义;巴尔扎克


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2017-2-21 11:34 , Processed in 0.126979 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش