تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 66|ئىنكاس: 0

نەۋايى نېمە دېگەن، بىز نېمە دېدۇق؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نەۋايى  نېمە  دېگەن، بىز نېمە دېدۇق؟
                              
(«ئەلىشىر نەۋايىنىڭ قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسىدىن بۈگۈنكى رېئال ئەھۋالغا نەزەر» ناملىق   ماقالە  ھەققىدە ئويلىغانلىرىم)

                                                       ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات

             مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ 2009 – يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئالىمجان توختىنىڭ بۇ يىل 6- ئاينىڭ 11- كۈنى يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىغان «ئەلىشىر نەۋايىنىڭ قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسىدىن بۈگۈنكى رېئال ئەھۋالغا نەزەر» ناملىق ماقالىسىنى قايتا قايتا ئوقۇدۇم، ماقالىدە ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سالىدىغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاپتور بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن.
         ماقالىنىڭ ماۋزۇسى «ئەلىشىر نەۋايىنىڭ قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسىدىن بۈگۈنكى رېئال ئەھۋالغا نەزەر» دەپ قويۇلغان بولۇپ ماۋزۇدىكى «قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسى» دىققىتىمنى تارتتى. چۈنكى «قوش تىل مائارىپى» ئاتالغۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ لۇغەت تەركىبىگە كىرگىلى تېخى ئۇزۇن بولمىدى. ئەجەبا ھازىر كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىپ سىياسەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن «قوش تىللىق مائارىپ» ئاتالغۇسى بىلەن نەۋايىنىڭ  بىرەر مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ نەۋايى ئىددىيەسىگە «قوش تىل مائارىپ» ئىبارىسى نەدىن كەلدى؟ ئەجەبا ئەلىشىر نەۋايىغا «قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسى» نى يۈكلەش ئارقىلىق ھازىر كەڭ يولغا قويۇلىۋاتقان «قوش تىل مائارىپ سىياسىتى» گە ئىدىيەۋىي ھەم تارىخ ئاساس ھازىرلىماقچىمۇ؟ دېگەن خىياللار بىلەن ماقالىگە كۆز يۈگۈرتتۈم.
           ماقالە «ئەلشىر نەۋائىينىڭ قوش تىل مائارىپ ئىددىيسى توغرۇلۇق گەپ بولغان ئىكەن، كۆز ئالدىمىزغا بىرىنجى بولۇپ كېلىدىغىنى ئەلشىر نەۋائىينىڭ بۈيۈك ئەسىرى ‹مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن› (ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە) بولىدۇ» دېگەن بايانلار بىلەن باشلانغانىدى. «نەۋايىنىڭ قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسى» توغۇرلۇق گەپلەر قەيەردە بولۇندى؟ نەۋايى تەتقىقاتىغا قول ئۇرغان ئالىملارنىڭ قايسىسى «نەۋايىنىڭ قوش تىل ئىدىيەسى» توغرىلۇق گەپ قىلدى؟ نەۋايى توغرىسىدا يېزىلغان مۆتىۋەر ئەسەرلەردىن «مەكارىمۇل ئەخلاق»، «تەزكىرەتۇششۇئەرا»، «نەۋايى زامانداشلىرى خاتىرىسىدە»...قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ قايسى بىرىدە «نەۋايىنىڭ قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسى» ھەققىدە گەپلەر بار؟ مېنىڭ بىلىشىمچە نەۋايى ۋاپاتىدىن بىر نەچچە يىل ئاۋال يېزىلغان «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين» ئەسىرىدە «قوش تىل مائارىپى» توغۇرلۇق ھېچقانداق بايان يوق. بار دېگەندىمۇ «ئىككى تىل» يەنى تۈركىي تىل (نوقۇل ئۇيغۇر تىلىلا ئەمەس) بىلەن پارس تىلى ھەققىدە گەپلەر بار. ھەرگىزمۇ بۇ ئىككى تىلنىڭ ئوقۇتۇش ياكى مائارىپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ھېچنىمە يوق.  شۇنداقلا «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين» نى ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ «نەۋايىنىڭ قوش تىل مائارىپ ئىدىيەسى» نى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشمۇ ناتايىن ئىدى. كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ دېگەندىمۇ نەۋايى مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن تۈركىي تىلنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەم پارس تىلىنىڭ تۈركىي تىلىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان قىسمەن يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى.  يەنە كېلىپ نەۋايىنىڭ كىتابىنىڭ ماۋزۇسىدىكى «ئىككى تىل» (قوش تىل) ئىبارىسىگە مەجبۇرىي ھالدا «مائارىپ» ئاتالغۇسىنى قوشۇپ، بۇنى «ئىدىيە» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنىڭ ئاساسىي زادى نېمە؟
           ماقالە ئاپتورى ئابدۇرۇپ پولات تەكلىماكانىينىڭ « ‹مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين› دىن ‹مەئارىفۇل لۇغەتەين› گىچە ناملىق ماقالىسىدىن:  « ‹مۇھاكەممەتۇل لۇغەتەيىن› دېگەن ئەسەرنىڭ مەقسىتى ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر - تۈرۈك تىلىنىڭ شۇ دەۋر ئوتتۇرا ئاسياسنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنى كونتىرول قىلۋاتقان پارس تىلىدىن ھىچبىر قالغۇچىلىكى يوق، بەلكى سۆزلۈك خەزىنىسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە قوللىنىش ئەپچىللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە پارس تىلىدىن ئەۋزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، ئالەمگە جاكارلاش ئىدى» دېگەن بايانلارنى نەقىل كەلتۈرش ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان ۋە «ئەلشىر نەۋائىي ‹مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن› دە نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي، كونكېرت مىساللار ئارقىلىق ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنىڭ پاساھىتىنى، يوشۇرۇن كۈچىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن. بۇ ئارقىلىق ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر - تۈرك شائىرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئۆز ئانا تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ياقتۇرماسلىق، ئۆز ئانا تىلىدا ئەسەر يېزىشنى ياقتۇرماسلىقتەك غەيرى ئەھۋالنى قامچىلىغان» دەپ ئابدۇرۇپ پولات تەكلىماكانىينىڭ بايانلىرىغا يانداشقان.
        لېكىن تۈركىي تىلنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن، «سۆزلۈك خەزىنىسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە قوللىنىش ئەپچىللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە پارس تىلىدىن ئەۋزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، ئالەمگە جاكارلاش» نى مەقسەت قىلغان، «ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر - تۈرك شائىرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئۆز ئانا تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ياقتۇرماسلىق، ئۆز ئانا تىلىدا ئەسەر يېزىشنى ياقتۇرماسلىقتەك غەيرى ئەھۋالنى قامچىلىغان» ئەلىشىر نەۋايى نېمە ئۈچۈن ئانا تىلى بولغان ساپ تۈركىي تىلىدا ئەسەر يازمايدۇ؟ نەۋايى ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلماقچى بولغان ئالىملار نېمە ئۈچۈن نەچچە يىللاپ پارسچە ئۆگىنىشكە ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ؟ ياكى توم – توم پارسچە، ئەرەبچە لۇغەتلەرگە قارىماي تۇرۇپ نەۋايى ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلالمايدۇ؟ تۈركىي تىلىنى پارس تىلىدىن ئاجايىب ئۈستۈن بىلگەن نىزامىددىن مىر ئەلىشىر نېمە ئۈچۈن پارسچە تەخەللۇس قوللىنىدۇ  ھەم ئەسەرلىرىگىمۇ پارسچە ياكى ئەرەبچە ئىسىم قويىدۇ؟
          يەنە ماقالە ئاپتۇرى ماقالىسىنىڭ  بىرىنچى بۆلىكى بولغان «ئانا تىلنى قەدىرلەش جەھەتتىن» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا نەۋايىنىڭ مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين» ئەسىرىدىن تۆۋەندىكى نەقىلنى كەلتۈرگەن:
          «...ئەقىل يېشىغا قەدەم قويغىنىمدىن كېيىن، ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا تەبىئىيىتىمىگە بەخشەندە قىلغان غارايىبچانلىق، ئەستايىدىللىق ۋە مۇشكۈلاتچىلىق روھىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تۈركىي تىل ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى لازىم تاپتىم. مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگىنىمدىن كېيىن، كۆز ئالدىمدا ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى بېسىپ چۈشىدىغان بىر ئالەم نامايەن بولدى. مەن ئۇ يەردە، توققۇز پەلەكتىن ئېشىپ چۈشكەن بىر زىبۇ زىننەت ئاسمىنىنى كۆردۈم. دۇرلىرى يولتۇزلاردىنمۇ جۇلالىق بىر يۈكسەكلىك خەزىنىسىنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ يۇلتۈرلاردىنمۇ گۈزەل گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن گۈلشىنىگە يولۇقتۇم: ئۇنىڭ ھەرىمى ئەتراپىغا ئادەم ئايىغى تەگمىگەن، غارايىباتلىرىغا ھېچكىمنىڭ قولى تەگمىگەنىدى. ئەمما خەزىنىسىنىڭ يىلانلىرى دەھشەتلىك، گۈللىرىنىڭ تىكەنلىرى سان- ساناقسىز ئىدى. مەن <سەنئەت ئەھلىنىڭ دانالىرى مۇشۇ يىلانلارنىڭ ئۆتكۈر نەشتىرىدىن قورقۇپ، بۇ خەزىنىدىن بەھرىمەن بولالماي ئۆتۈپتۇ. نەزم قوشۇنىنىڭ گۈلدەستىچىلىرى بولسا، مۇشۇ تىكەنلەردىن ئېھتىيات قىلىپ بەزمىگە لايىق گۈل ئۈزەلمەي كېتىپتۇ > دەپ ئويلىدىم. مېنىڭ يۈكسەك ئىرادەم، قورقۇش ۋە بىپەرۋالىقتىن خالىي تەبىئىيىتىم بۇ يەردىن شۇنداقلا ئۆتۈپ كىتىشىمگە يول قويمىدى : مەن بۇ يەرنى تاماشا قىلىپ تويمىدىم. تالانتىم لەشكەر بولۇپ بۇ ئالەم مەيدانىدا ئات ئويناتتى. خىيالىم قۇش بولۇپ بۇ ئالەم ئاسمىنىدا ئېگىز پەرۋاز قىلدى. دىلىم سەرراپ بولۇپ، بۇ جەۋھەرلەر خەزىنىسىدىن ھېسابسىز قىممەتلىك ياقۇت ۋە دۇرلارنى ئالدى. كۆڭلۈم گۈل تەرگۈچى بولۇپ، بۇ گۈلشەن رەيھانزارىدىن بىھېساب خۇش پۇراق گۈللەرنى يىغدى. بۇ ئۇتۇق ۋە بايلىقلارغا، بۇ پايدا ۋە غەنېمەتلەرگە ئىگە بولغىنىمدىن كېيىن، ئۇنىڭ نەتىجە گۈللىرى دەۋر ئەھلى ئۈچۈن بىمالال ئېچىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئىختىيارسىز چېچىلىشقا باشلىدى”. (قاراڭ: «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»، 28-، 29-، بەتلەر، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى- 1988- يىل نەشىرى)
          ماقالە ئاپتورى بۇ نەقىل ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى مۇنداق يازىدۇ: «نەۋائىينىڭ ئەينى دەۋىردىكى پارىسچە، ئەرەپچە ئەسەر يازىدىغان ئەندىزىنى بۇزۇپ ئانا تىل بىلەن بۈيۈك ئەسەر يېزىشتەك مۈشكۈل ئىشنى نىشان قىلىپ تاللىغان ئويلىرىنى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» دىكى مۇنۇ قۇرلاردىن كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس».
          ئەپسۇسكى ئەلىشىر نەۋايى ئۆز ئانا تىلى بولغان تۈركىي تىلنى ماختىغان بۇ بايانلىرىنىڭ ئاپتۇر نەقىل كەلتۈرگەن بۇ بۆلىكىدە تۈركىي تىلىغا قارىغاندا پارس تىلىنىڭ سۆزلۈكلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا نەۋايى ئانا تىلى بولغان تۈركىي تىلنى ماختاپ – ئۇچۇرۇپ يازغان بۇ بايانلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا قارايدىغان بولساق، ئاساسەن پارسچە ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇنداقتا تۈركىي تىلىنىڭ پاساھىتىنى شۇنچە تەرىپلىگەن نەۋايى نېمە ئۈچۈن  ئانا تىلىنى ماختىغاندا ساپ تۈركىي تىلىنى ئىشلەتمەي پارسچە ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدۇ؟ ئانا تىلىنى شۇنچە مېھرى بىلەن سۆيگەن نەۋايى نېمە ئۈچۈن ئانا تىلىنى پارسچە ئىبارىلەر بىلەن ماختايدۇ؟
          ماقالە مۇئەللىپى ماقالىسىنىڭ «دەۋىرگە ئۇيغۇنلىشىش ۋە كۆپ تىل ئۈگۈنۈش زۆرۈرىيتى توغرىسىدا» دېگەن ئىكىنچى بۆلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدىن باشلاپلا ئەرەبچە ھەم پارسچە تىللارنىڭمۇ ھۆددىسىدىن بىمالال چىقالىغىنىنى تارىخى بايانلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. خۇسۇسەن بۇ قاراشقا مەنمۇ قوشۇلىمەن.
              لېكىن ماقالە مۇئەللىپى «ئەلشىر نەۋائىيمۇ ھاياتىنىڭ 40-يىلىغىچە پارىسچە يازغان» دېگەننى نېمىگە ئاساسەن دېدى، مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىرەك چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. يەنە ماقالە مۇئەللىپى «ھەممىمىز بىلىمىز ئىچكىرى رايۇنلارنىڭ مەدەنىيەت، سانائەت جۈملىدىن ھەممە تەرەپلەردىكى تەرەققىياتى رايۇنىمىزغا قارىغاندا خېلىلا تېز. بۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. بىز شۇلار بىلەن تەڭ، ئورتاق ئىلگىرلەيمىز دەيدىكەنمىز شۇ تەرەققىيياتنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تىلى بولمىش خەنزۇتىلىنى پىششىق، پۇختا ئىگەللىمەي بولمايدۇ. سودىگەرلەر سودىسىنى كېڭەيتمەكچى بولىدىكەن، تەتقىقاتچىلار تەتقىقاتىنى كېڭەيتمەكچى بولىدىكەن، ئوقۇغۇچىلار خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولىدىكەن، سەنئەتچىللىرىمىز تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى بولىدىكەن....خەنزۇتىلىنى ئۈگۈنۈش ۋە شۇ تىلدا خىزمەت قىلىش، ئىجاد قىلىش ئىشىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا يۇقاردا تىلغا ئالغان نەۋائىي دەۋرىنى ۋە شۇ دەۋىر كىشىللىرىنىڭ روھىنى ئۈلگە قىلىش مومكىن» دەپ يازغان بولۇپ،  ھازىرقى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە نەۋايى دەۋرىگە باغلاپ خۇلاسە چىقارغان. بۇ خۇلاسىدىن ماقالە مۇئەللىپىنىڭ «نەۋايى دەۋرىدىمۇ پارس تىلىنىڭ تەھلىكىسىدە قالغان يازارمەنلەر ئانا تىلى بولغان تۈركىي – ئۇيغۇر تىلىنى تاشلىۋەتمىگەن، بىزمۇ ئۇلارنىڭ رۇھىدىن ئۈگىنىپ ئانا تىلىمىزنى تاشلىۋەتمەسلىكىمىز، ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا، ئىجادىيىتىمىزدە نەۋايى دەۋرىنى ۋە شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ رۇھىنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك»  دېگەن يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. لېكىن ماقالە مۇئەللىپى شۇنداق بىر نۇقتىغا دىققەت قىلمىغانكى، نەۋايى دەۋرىدە «تۈركىي تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ باردى» دەپ قارالغان ئەدىبلەردىن لۇتفىي، سەككاكىي، ئاتايى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە پارسچە سۆزلەر تۈركىيچە سۆزلەر بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. ئەگەر شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ رۇھىدىن ئۈگىنىشكە توغرا كەلسە بىزمۇ ئەسەرلىرىمىزگە تەڭ مىقداردا خەنزۇچە سۆزلەرنى ئىشلىتىپ يېزىشىمىز كېرەكمۇ؟
              ماقالە مۇئەللىپى ماقالىسىنىڭ «بىر توپقا باشچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش توغرىسىدا» دېگەن ئۈچىنچى بۆلىكىدە «زامانىسىنىڭ ئۇلۇغ، ئادىل، خەلقپەرۋەر پادىشاھى ھۈسەيىن باھادىرخاننىڭمۇ پارىسچە ۋە ئۇيغۇر تۈركچىسىن ئوخشاش مەلۇماتلىق، ئىككىلا تىلدىن ئىجاد قىلىشقا تولۇق ئىمكانىيەتلىك بولسىمۇ باشقىلارغا تۈرتكە بولۇش، ئۈلگە تىكلەپ بېرىش يۈزىسىدىن ئۆز دىۋانىنى ئۇيغۇر تۈركچىسىدە تاماملىغانلىقىنى» نەۋايىنىڭ «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين» ئەسىرىدە تىلغا ئالغانلىقىنى مۇنداق نەقىل قىلىدۇ:
         «بۇ سۇلتانلار سۇلتانىنىڭ كارامەتلىك دىلى ۋە ئاپتاپ سۈپەت كۆڭلىنىڭ شۇنىڭغىمۇ مايىل ئىكەنلىكى روشەنكى، تۈرك شائىرلىرى ئۆز تىلى بىلەن شېئىر يازسۇن، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل غۇنچىللىرىمۇ باھار شامىلىدەك نەپەس بىلەن ئېچىلسۇن. مۇشۇنداق ئىستەك، مۇشۇنداق غەمخورلۇق يۈزىسىدىن بىر قىسىم تېمىلار بويىنچە شېئىرلار يېزىلىشى توغرۇلۇق بۇيرۇقلارمۇ چىقىرىلدى ھەم ئۇلارنىڭ تىل ئۇسلۇبىغا دائىر بەلگىمىلەر ۋە قانداق ئىپادىلىنىش توغرىسىدا تەلىملەرمۇ ئىزھار قىلىندى...» (قاراڭ: «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»، 51-بەت، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى- 1988- يىل نەشىرى)
           لېكىن بىز كۆرگەن ھۈسەين بايقارانىڭ دىۋانىدىمۇ ئوخشاشلا پارسچە سۆزلەر ئاساسەن تەڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ۋەھالەنكى،ھۈسەين بايقارانىڭ پەرمانىدىكى« تۈرك شائىرلىرى ئۆز تىلى بىلەن شېئىر يازسۇن» دېگەن بۇيرۇق جۈملىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى، شۇنداقلا «تىل ئۇسلۇبىغا دائىر بەلگىمىلەر ۋە قانداق ئىپادىلىنىش توغرىسىدا تەلىملەر» نەۋايى پارس تىلىنى بولىشىغا ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن تۈركىي تىل بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا نەۋايىنىڭ تەشەببۇس قىلغىنىنى قانداقمۇ «تۈركىي تىلىدا يېزىش» دېگىلى بولسۇن.
         ماقالە ھەققىدىكى قوپال چۈشەنچىلىرىمنى مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي. ماقالە مۇئەللىپىنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، چۈشەنچەمدىكى كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىمگە قارىتا تۈزەتمە بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2017-2-21 11:33 , Processed in 0.149906 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش