تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 39|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇرلاردا قۇش پەيلىرىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت قىممىتى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    ئۇيغۇرلاردا قۇش پەيلىرىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت قىممىتى توغرىسىدا

                              ئەركىن مامۇت كۈسەنىي

(مەكتىپىمىز ماركسىزم ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى، شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو غەربىي رايون چېگرا مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ 2012-يىللىق ماگىستىرانتى)

قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى ئاساسىي مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاق تارىخىي ۋە شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كەڭ زىمىندا ياشاش جەريانىدا ئاجايىپ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت بەرپا قىلغان. قۇش پەيلىرىنى كىيىم-كېچەككە زىننەت بۇيۇمى قىلىش ئارقىلىق ئۆزگىچە كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى، جۈملىدىن خاسلىققا ئىگە باش كىيىم مەدەنىيىتىنى ئاپىرىدە قىلغان. مەزكۇر ماقالىدە، قۇش پەيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى تارىخىي ئىزناسى ۋە قىممىتى قىسقىچە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇرلار؛ قۇش پەيلىرى؛ ئۆرپ-ئادەت؛ تارىخ؛ مەدەنىيەت


1. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە قۇش پەيلىرىنىڭ تارىخىي قىممىتى ۋە ئىزناسى. ئۇيغۇرلار ئاسىيادىكى قەدىمىي مىللەت بولۇپ، تارىختىن بۇيان ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت يارىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ رەڭگارەڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشتىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقان مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان، بېىشغا قۇش پەيلىرىنى تاقاش ئادىتى ئۇلارنىڭ ئەگرى-توقاي تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۆزىگە خاس مىللىي ئەنئەنىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، بۇ توغرىسىدا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «غەربىي يۇرت تاش كېمىر سەنئىتى» ناملىق كىتابىدا: «تاڭبالى تاستىكى يەنە بىر قىياغا كوللېكتىپ ئۇسسۇل مەنزىرىسى چېكىلگەن، ئۈستۈنكى قاتاردا بەش كىشى ئۇسۇل ئويناۋاتقان بولۇپ، بىرىنچى كىشىنىڭ بېشىدا ئۈچ تال پەي كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئاستىنقى قاتاردا بەش كىشى ئوخشاش نەرسە تاقىغان، ئۇلار ئۇسسۇل باشلىغۇچى سالىسى ياكى ئىبادەت باشلىغۇچى قامان ئوبرازىنى ئەسلىتىدۇ»[1] دەپ يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا قۇش پەيلىرىنى تاقاش ئادىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئاتاقلىق تارىخچىمىز موللا مۇسا سايرامـى (1936-1917-يىللىرى) ئۆزىنىڭ «تارىخـى ھەمدى» ناملىق ئەسىرىدە: «يافەسنىڭ ئوغلى چىن ئوغلى ماچىن ئۈچۈن بىر شەھەر بىنا قىلدى ھەمدە ئۇنى ماچىننىڭ نامى بىلەن ئاتىدى. ماچىن ئەۋلادلىرىغا ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆگەتتى. قۇشلارنىڭ ئىچىدە ئەنقا دەيدىغان ناھايىتى چىرايلىق بىر قۇش بولۇپ، ئۇلار بۇ قۇشنىڭ قاناتلىرىنى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە باشلىرىغا قىسىدىغان بولدى ھەم قول ئاستىدىكىلەرگىمۇ جەڭلەردە مۇشۇ قۇشنىڭ پەي-قاناتلىرىنى باش كىيىمگە قىسىش توغرىلىق يارلىق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەت ئومۇملىشىشقا باشلىدى.»[2] دەپ بايان قىلىش ئارقىلىق، بۇ خىل ئادەتنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا يېقىنقى دەۋرلەرگىچە داۋاملاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. «ئاپتونوم رايونىمىز ئېلىمىز بويىچە قىيا تاش رەسىملىرى ئەڭ كۆپ تېپىلغان جايلارنىڭ بىرى»[3] بولۇپ، ئېلىمىز ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن «يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن كۆكتوقايدىكى تاڭبالى تاس (تامغىلىق تاش) غارىغا سىزىلغان «سۈرەتلەردە بىر خىل قىزغۇچ مىنېرال خام ماتېرىيال قىلىنغان، سۈرەتنىڭ ئۈستى قىسمىغا ئوخشاش مەركەزلىك ئىككى يۇمىلاق، يېنىغا بۇلۇتقا ئوخشاپ كېتىدىغان سۈرەت سىزىلغان، تۆۋەن تەرىپىگە بېشىغا  پەي قىستۇرۇلغان قالپاق كىيگەن، پېشانىسىدە نەچچە ئونلىغان قورۇقلىرى بار ئادەم سۈرىتى سىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرى، قاشلىرى، ئېغىزى ناھايىتى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدۇ. تاڭبالى تاس قىيا تاش رەسىملىرى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ غەربىي قىسىمىغا جايلاشقان قىزىلتاش جىلغىسىدىكى قىيا تاشقا بىر قانچە كىشىنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنىشى چېكىلگەن بولۇپ، باشتىكى كىشى بېشىغا بىر تال پەي قادىغان».[4] «قىيا تاش رەسىملىرى ئىپتىدائىي دەۋردىكى ئىنسانلارنىڭ ئىدىيەۋى قەلب ھالىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى»[5] بولۇپ، دىيارىمىزدىن بايقىغان قىيا تاش رەسىملىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ، نەچچە ئون مىڭ يىللار ئىلگىرىكى دەۋردىكى تۇرمۇشى، ئېتىقادى ۋە سەنئىتىدىن خەۋەردار قىلدى. دېمەك، بىز يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن ئەجدادلىرىمىزدا قۇش پەيلىرىنى بېشىغا تاقاش ئادىتىنىڭ مۇندىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋردىلا بارلىقنى بىلىۋالالايمىز.
ئالتاي ۋە تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋردىلا بېشىغا قۇش پەيلىرىنى تاقاش ئادىتىنىڭ قىيا تاش رەسىملىرىدە ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىگە ئوخشاش، تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزدىمۇ بۇ خىل ئادەتنىڭ بولغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. 1979– يىلدىن 1980–يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى لوپنۇر كۆلى ئەتراپى، كۆنچى دەرياسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن بىر قىسىم قەدىمىي قەبىلىلەردىن تېمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ھادىسىنى بايقىغان. «1979-يىلى كۆنچى دەرياسى ساھىلنى قېزىپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان قەبرىلەردىكى جەسەتلەرنىڭ بېشىغا ئۇچلۇق قالپاق كىيگۈزۈلگەن، بەزىلىرىنىڭ قالپاقلىرىغا ئىككى تال، بەزىلىرىگە بەش تال ھەتتا بەزىلىرىگە توققۇز تالغىچە ھەر خىل رەڭدىكى قۇش پەيلىرى قىستۇرۇلغان»[6]. «1980- يىلدىكى كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا قېزىۋېلىنغان ‹كىرورەن گۈزىلى› (بۇنىڭدىن 3800- 4000 يىل بۇرۇن)نىڭ بېشىغا قوڭۇر رەڭلىك ئۇچلۇق كىگىز قالپاق كىيگۈزۈلگەن بولۇپ، قالپاقنىڭ سول يېنىغا ئىككى تال قۇش پېيى قىستۇرۇلغان»[7].
ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى 1985-يىلى 9-ئايدا چەرچەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقتىن بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە تەۋە قەدىمكى جەسەت ۋە جەسەت بىلەن قويۇلغان ئاخىرەتلىك بۇيۇملار قېزىۋېلىنغان. «(85QZM)-نومۇرلۇق قەبرىدىن قوڭۇر رەڭلىك كىگىزدىن تىكىلگەن بىر قالپاق قېزىۋېلىنغان بولۇپ، قالپاقنىڭ ئالدى تەرىپىگە 11 تالدىن ئىككى قاتار پەي (ھەر بىرىنىڭ ئارىلىقى يەتتە–سەككىز سانتىمېتىر) قىستۇرۇلغان. پەيلەرنىڭ كۆپ قىسمى چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، قىستۇرۇلغان پەي ئورنىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ»[8]. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «چەرچەندىن تېپىلغان قەبرىلەردىكى جەسەتلەرنىڭ بېشىدىكى كىگىز قالپاقنىڭ جىيەك ۋە تۆپىلىكىنىڭ ئالدى قىسمىنىڭ توققۇز يېرىگە سوقسۇر پېيى قادالغان»[9]. شېۋىتسىيـەلىك ئارخېئولوگ فولىك بىرىگمـان «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسى» ناملىق كىتابىدا 1939–يىلى كىچىك سۆرەن قەبرىستانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى تەكشۈرۈش ھەم قېزىش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ناھايىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ كىتابتا تىلغا ئېلىنغان نۇرغۇن جەسەتلەرنىڭ بېشىغا قۇش پەيلىرى قىستۇرۇلۇپ، قورساق قىسمىغا پەي قويۇلۇپ دەپنە قىلىنغان ھالەت يېزىلغان. ئاپتور كىتابىدا 1934-يىلى 7-ماي ئارخېئولوگ سېۋىن ھېدىن بىلەن چىك زوڭچىڭ قۇم دەرياسى دىلتىسىدىكى بىر يالغۇز دەپنە قىلىنغان قەبرە ھەققىدىكى باياندا مۇنداق يازىدۇ: «باش كىيىملىرى توق قوڭۇر رەڭلىك كىگىز، تاشقى ۋە ئىچكى قالپاقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاشقى قالپاقنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىككى تال پەي ھايۋانات سىڭىرى ۋە قىزىل يۇڭ يىپ بىلەن يۆگەلگەن بولۇپ، قالپاقنىڭ ئۇچلۇق تۆپىسىدە روشەن ھالدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ»[10].
ئەمدى نەزىرىمىزنى مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىگە ئاغدۇرساق، «قىزىل مىڭ ئۆيى 69-غاردىكى كۈسەن پادىشاھى ۋە خانىشنىڭ رەسىمدە، خانىش بېشىغا تور شەكىللىك شىلەپە كىيگەن بولۇپ، شىلەپىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئۈچ كۆز قويۇلۇپ، ئىككى يان تەرەپكە ئىككى تال قۇش پېيى يانتۇ ھالەتتە قىستۇرۇلغان»[11]. يۇقىرىقىلاردىن باشقا «‹غەربىي يۇرتنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى› 1-جىلدتىكى غەربىي يۇرتلۇقلارنىڭ كىيىم–كېچەكلىرى ھەققىدىكى بايانلاردا بۆكنىڭ ئالدىغا قۇش پەيلىرىنى قادايدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن»[12]. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇچار قۇشلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە ئېستېتىك قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ قەدىمكى دىنىي ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم يىپ ئۇچى بولۇپ ھېسابلىندۇ. ئۇنىڭدىن باشقا توتېم قىلغان قۇشلارنىڭ شەكلىدە ياسىنىش دۇنيادىكى ئىپتىدائىي قوۋملاردا ئورتاق ئادەتلەرنىڭ بىرى بولغاندىن سىرت، باش كىيىمگە قۇشلارنىڭ پېيىنى قاداش تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەر ئارىسىدىمۇ بولغان يەنى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز بولغان ھونلار (ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە موڭغۇل ئېگىزلىكىدە چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن)، قاڭقىلار، تۈركلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇميۈزلۈك شەكىللەنگەن.
2. ئۇيغۇرلاردا قۇش پەيلىرىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى ۋە مەنبەسى. ئۇيغۇرلاردا قۇش پەيلىرىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇر باش كىيىم مەدەنىيىتىدە نامايان بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قۇش پەيلىرىنى بېشىغا تاقاش ئادىتى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسى، راۋاجى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستېتىك كۆزقارىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا تېخى مەخسۇس سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغىنى يوق. تارىخىي يازما ھۆججەتلەر ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار بىلەن خەلقىمىزدە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن قۇش پەيلىرىگە ئائىت بەزى ئادەتلەرنىڭ ئوخشاشلىقى ھەرگىز سەۋەبسىز، تەساددىپى ئەمەس. بۇ خەلقىمىزنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تارىختىن بۇيانقى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى جەرياندا شەكىللەنگەن ئېستېتىك چۈشەنچىلىرى ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي دەۋرلەردىكى كۆكتەڭرى (ئاسمان ئىلاھى)گە چوقۇنۇشتىن كېلىپ چىققان قۇش ئېتىقادچىلىقى ھەمدە «ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى ئىلاھى قۇشلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ» دەپ قارالغان دىنىي چۈشەنچىلىرى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەنلىكنى ئېنىقلاپ چىقىشقا بولىدۇ. بىز تۇرمۇشىمىزدىكى بىر قىسىم مەدەنىيەت ھادىسىلىرى بىلەن يۇقىرىقى مۇھىم ئىسپاتلارنى باغلاش ئارقىلىق، قۇش پەيلىرىنى تاقاش ئادىتىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئاۋۋالقى ئىپتىدائىي دەۋرلەردىن تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىزغا ئورتاق بولغان ئادەت دەپ ھۆكۈم قىلالىساقمۇ، ئەمما بۇ ئادەتنىڭ قانداق تارىخىي دەۋردە مەيدانغا كەلگەنلىكى، قانداق دىنىي ئېتىقادنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقى ياكى قايسى خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە كېلىپ چىققانلىقى توغرىسىدا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئېنىق يازما ماتېرىيال كەمچىل. لېكىن مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادى دەپ قارالغان (دى) قوۋمى ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلار بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ئانالىز قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارايمەن. «(دى) لار قەدىمكى دەۋرلەردە ئېلىمىزنىڭ شىمالى قىسمىدا ياشىغان خەلق بولۇپ، كىلاسسىك يازما مەنبەلەردە ئۇلار «狄» ياكى «翟» يايلاق ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىدىغان ئىنتايىن چاققان ۋە يىراققا ئۇچالايدىغان دەپ ئاتالغان بىر خىل يىرتقۇچ قۇشنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ‹دىلار› ‹狄›نىڭ ‹翟› خېتى بىلەنمۇ يېزىلىشى بۇ ئىككى خەتنىڭ ئاھاڭداش بولۇشتىن سىرت، بۇ خەلقنىڭ توتېم ئېتىقادى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دى قوۋمى بۇ قۇشنى توتېم قىلغان».[13] ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا: «دىلار ھايۋانلارنىڭ يۇڭىدىن ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىدىغان، قۇش پەيلىرىنى تاقايدىغان خەلق ئىدى»[14] دەپ خاتىرىلەنگەن. دىلار ھەققىدىكى بۇ ئىككى ماتېرىيالنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا، دىلار ئۇچار قۇشلارنى ئۇلۇغلىغانلىقى ئۈچۈن بۇ قۇشلارنىڭ پەيلىرىنى ئەتىۋارلاپ بېشىغا تاقىۋالغان، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
«ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادى بولغان دىلار شۇڭقارنى توتېم قىلغان ھەمدە قوۋم ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىغا قۇش پەيلىرىنى تاقىغان»[15]. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇچار قۇشلارنى ئۇلۇغلىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ توتېمى قىلىشى، ئۇلارنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردە كۆك تەڭرى ئېتىقادى ۋە ئوۋچىلىق تۇرمۇشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. كۆككە چوقۇنۇش ئەجدادلىرىمىزدىكى قەدىمكى ئېتىقاد شەكلى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى جەريانىدا ئاسمانغا كۆز سالسىلا كۆرگىلى بولىدىغان كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ دائىم ئۆزلىرىگە ئەگىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، تەبىئىي ھالدا ئۇلارغا چوقۇنغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېڭىدا كۆپكۆك ئاسمان ئىلاھ تۇرىدىغان جاي دەپ قارىلىپ، مۇقەددەس ھېسابلانغان. ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يازما مەنبەلەر ۋە ئارخېئولوگىيەلىك مەنبەلەر ئىنتايىن كۆپ. قۇش پەيلىرىنى تاقاش تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەر ئارىسىدىمۇ خېلى كەڭ تارقالغان، قەدىمكى كۆنچى ۋادىسىدىكى ئۆردەكلىك قەبرىستانلىقىدىن ئاخىرەتلىك بۇيۇملار قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ كۆك تەڭرىنى ئۇلۇغلاپ، كۆككە چوقۇنغانلىقى يەنە بىر جەھەتتىن قۇشلارنى ئۇلۇغلىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئوۋچىلىق ئەجدادلىرىمىزدا قەدىمكى زامانلاردا بىر پۈتۈن ئىگىلىك شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، بۇ خىل ئىگىلىك شەكلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىشى نەتىجىسىدە، ئەجدادلىرىمىز ھايۋاناتلار بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ ھايۋانات دۇنياسىنىڭ ھەر خىل خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ سىرلىرى توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچىگە ۋە تونۇشقا ئىگە بولغان ھەمدە تۈرلۈك-تۈمەن جانلىقلار ئىچىدىن ئۆز تۇرمۇشىغا ئەڭ يېقىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئوۋ قىلىش، ئۇزۇقلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان بىر قىسىملىرىنى تاللاپ ئۇلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قولغا ئۆگەتكەن. ھايۋانلارنى قولغا كۆندۈرۈشنىڭ باشلىنىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ شۇڭقار، لاچىن، بۈركۈت قاتارلىق يىرتقۇچ قۇشلارمۇ قولغا كۆندۈرۈلۈپ ئوۋچىلىققا ئىشلىتىلگەن. بۇ خىل قۇشلارنىڭ ئوۋ ئوۋلاشتىكى چاققانلىقى، باتۇرلۇقى، سەزگۈرلۈكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر ئوۋچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان ئەجدادلىرىمىزدا بۇ قۇشلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر ھېرىسمەنلىك، قىزىقىش تۇيغۇسى پەيدا بولغان ھەمدە بۇ قۇشلارنى ھاياتلىقتىكى تايانچ دەپ ئۇلۇغلاش نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولغان. قۇشلارنى ئۇلۇغلاش داۋامىدا شەكىللەنگەن توتېملىق ئېتىقاد بىلەن بىرلىشىپ قۇش پەيلىرىنى تاقاش ئادىتى شەكىللەنگەن.
شۇ سەۋەبتىن، ھۇما قۇشى توغرىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت تارقالغان: «ھۇما قۇشى داڭلىق بىر قۇش بولۇپ، قارا قاغا چوڭلۇقىدا، قاناتلىرى قارا، بېشى يېشىل بولۇپ، ھاۋادا ياشايدۇ. ھاۋادا تۇخۇم تۇغىدۇ. چۈجىنى ھاۋادا چىقىرىدۇ، بۇ قۇش بەزىدە يەر يۈزىگە قىرىق گەزگىچە يېقىنلايدۇ ھەم قايتا كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ قۇشنىڭ كۆلەڭگىسى بىرەرىنىڭ بېشىغا چۈشسە شۇ باي بولىدۇ ياكى پادىشاھ بولىدۇ» بۇ رىۋايەت بىلەن مەزمۇنداشلىققا ئىگە ئەپسانە، چۆچەكلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن بۇيان ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ بىزگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ خىلدىكى ھېكايەتلەر ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ ھەمدە بۇ قۇشلار ئىنسانلارغا بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىدىغان، ئادىللىق، خۇشاللىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تىلىمىزدا «باشقا بەخت قۇشى قونماق» دېگەندەك ئىدىيۇملار ئارقىلىق بىراۋنىڭ بەختى كەلگەنلىكى ئىپادىلەپ كەلگەن.
دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئەجدادلىرىمىزدىكى، قۇشلارنى ئۇلۇغلاش كىيىنكى دەۋردە ئىجتىمائىي ئىگىلىك شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە سۈنئىي دىنلارنىڭ ئەجدادلىرىمىزدىكى قۇش ئېتىقادچىلىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشى نەتىجىسىدە، ئاستا-ئاستا تەۋرىنىشكە باشلىدى، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنىڭ جانلىقلارغا چوقۇنۇشقا قارشى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە قۇشلارغا چوقۇنۇش بارغانسېرى ئاجىزلاپ، خەلقىمىز ئارىسىدا قۇش پەيلىرىنى تاقاش ئادىتىمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئۇنتۇلدى. قۇش پەيلىرى پەقەت سەنئەتچىلەرنىڭ باش كىيىملىرىدە، سەھنىلەردىلا قالدى. يەنە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى بىر مىللەتنىڭ مىللىي ساپاسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم بەلگە، يەنە بىر تەرەپتىن، كىيىم-كېچەكمۇ گۈزەل سەنئەت نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى كىيىم-كېچەك شۇ مىللەتنىڭ ئېستېتىك ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلغانلىقى بىلەن سەنئەتلىك ئىپادە قىلغان بولىدۇ.
قۇش پەيلىرىنى تاقاشمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خىل گۈزەللىك ئەنئەنىسى بولۇپ، بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئادەت ھېلى ھەم مەۋجۇت. ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ سەھنە باش كىيىملىرىدە كۆرۈلىدىغان پەي بېزەكلەر ئەنە شۇ قۇش پەيلىرىنى تاقاش ئىستىكىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
شۇڭا يۇقىرىقى تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ، ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن خەلقىمىزدىكى قۇش پەيلىرىنى تاقاش ۋە قۇش پەيلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەتنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردە ئېتىقاد قىلغان شامان دىنى بىلەن توتېم ئېتىقادىنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتنىك چۈشەنچىلىرىنىڭ بىزگە قالدۇرغان يالدامىسى، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىمەن.
ئىزاھاتلار:
[1] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «غەربىي يۇرت تاش كېمىر سەنئىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998-يىلى 1-نەشرى، 21-بەت.
[2] موللا مۇسا سايرامى: «تارىخىي ھەمدى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1986-يىلى 1-نەشرى، 50-،51-بەت.
[3] «شىنجاڭ قىيا تاش رەسىملىرى»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى، 1994-يىلدىكى نەشرى، 5-، 6-، 450-بەتلەر.
[5] [6][15] ئابدۇقەييۇم خوجا: «كىرورەن گۈزىلىنىڭ تېپىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىش جەريانى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، 1997-يىللىق 2-سان، 76-، 79-بەتلەر.
[7][8] ئابدۇرېھىم ھېبىبۇللا: «لوپنۇر ۋە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1987-يىللىق 3-سان، 164-بەت.
[9][10] يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق، ئىبادەت ئابدۇۋاھىت: «تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى ياسىنىش سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر»، «مىراس»، 2007-يىللىق 6-سان، 36-بەت.
[11][12][13][14] تۇرسۇن ھوشۇر ئېدىقۇتى: «قۇش ئوبرازى ۋە قۇش پېيىغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ھەققىدە»، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» (ئىجتىمائىي پەن قىسمى)، 2006-يىللىق 1-سان، 66-بەت.
پايدىلانمىلار:
1. غەيرەتجان ئوسمان: «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مەدەنىيىتىگە دائىر مۇلاھىزە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
2. ئابدۇقەييۇم خۇجا: «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت»،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 4-ئاي 1-نەشرى.
3. ئوسمانجان ياقۇپ: «كىرورەن قەدىمكى ئاھالىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەققىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشى»، «كۆك بۇلاق» ژۇرنىلى 2006-يىللىق سانى.
  4. خەلق ئارىسىدىكى ھېكايەتلەر.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


浅谈维吾尔族戴鸟毛的历史价与文化价值   

                                      艾尔肯•马木提     

摘 要:维吾尔族作为新疆的主要民族,具有悠久灿烂的历史文化。维吾尔族祖先在新疆生活过程中,创造了丰富多彩的文化奇迹,戴鸟毛风俗就是其中之一。本文从历史唯物主义观点出发,根据历史记载与考古见证主要讨论了维吾尔族戴鸟毛的习惯,渊源及戴鸟毛风俗习惯的历史价值和文化价值。
关键词: 维吾尔族;鸟毛;风俗;历史;文化


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2017-2-21 11:35 , Processed in 0.129237 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش