تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 43|ئىنكاس: 0

«باھادىرنامە» رومانىدىكى ئۆلۈمگە ئائىت بايانلار توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«باھادىرنامە» رومانىدىكى ئۆلۈمگە ئائىت بايانلار توغرىسىدا

رۇقىيە قادىر
               
  «باھادىرنامە» رومانى يېڭى ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ يىرىك نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ زور ھەجىمىگە سىغدۇرۇپ كەلگەن مول مەزمۇن، ئۆزگىچە تىل، يۈكسەك بەدىئىيلىك، بەلگىلىك دۇنيا قاراش، تۇرمۇش، ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم توغرىسىدىكى پەلسەپىۋىي قاراشلار ھەققىدە بىزنى چوڭقۇر پىكىر يۈرۈگۈزۈشكە يېتەكلىدى.
  مەزمۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا «تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادلىرى بىلەن ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىنىڭ تەخت-سەلتەنەتكە ۋارىسلىق قىلىش، گۈللىنىش، زاۋاللىققا يۈزلىنىش ۋە قايتا باش كۆتۈرۈشتەك تارىخىي جەريانى بۇ روماندا داستان(ئىپوس) خاراكتىرلىك يورۇتۇپ بېرىلگەن.»①
  روماننىڭ «ئىپوسلۇق خاراكتىرى» گە ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭدا پىرسوناژلارنىڭ تەخىت- سەلتەنەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مۇستەھكەملەش، يۇرت- خەلقىنى قوغداش جەريانىدىكى باھادىرلىق- باتۇرلۇقلىرى ئاساسى لىنىيە قىلىنىدۇ. روماندىكى خىلمۇ- خىل مۇرەككەپ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشلىرى، شۇنىڭغا ماس ھالدا يارىتىلغان پىرسوناژ ئوبرازلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىممەتلىك روھى، ئېرادىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلار قوشۇلۇپ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەمما ھەرقانداق باشلىنىشنىڭ ھامان ئاخىرلىشىشى بولغىنىدەك، روماندىكى تىللاردا داستان بولغان باھادىرلارنىڭ ياكى رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققانلارنىڭ ھاياتىنى مەلۇم يوسۇندا تۈگەللەش زۆرۈرىيتى تۇغۇلىدۇ.  قەھرىمانلارنىڭ ئىش- پائالىيىتى بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ئىپوسلاردىكى «سىرلىق  ئۆلۈم»، «مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى ئىزدەش»، «ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى» نى يوقىتىپ قويۇش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىش موتىفلىرىغا ئوخشىمىغان ھالدا تەبىئىي ئۆلۈم ياكى تاسادىپىي ئۆلۈم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   مۇئەللىپ ھەربىر قەھرىماننىڭ كەچۈرمىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ يېزىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگىمۇ ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ يازىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈمى ھاياتلىقىدا قىلغان- ئەتكەنلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولسا، بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈمى تاسادىپىي بولىدۇ، بۇ تەپسىلاتلار زىچ گىرەلىشىپ ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم ھەققىدىكى بەلگىلىك پەلسەپىۋىي قاراشلارنى شەكىللەندۈرىدۇ.
  ھاياتلىق دېگەن بۇ ئۇقۇم بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ ئۆلۈم ئۇقۇمى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.
ئۆلۈم ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈشىگە ئاساس سالدى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنى باشقا جانلىقلاردا بولمىغان مەنىگە ئېگە قىلدى.
ئۆلۈم ئېڭىنىڭ شەكىللىنشى ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتىگە بولغان چۈشەنچىلىرىگە ئاساس يارىتىپ بەردى. ②
مەشھۇر پەيلاسوپ ۋېيكې «يېڭى ئىلىم-پەن» دە بارلىق بارلىق مىللەتلەردە، مەيلى ئۇ ياۋايى ياكى مەدەنىيەتلىك بولسۇن ئۈچ تۈرلۈك «ئەبەدىيلىك ئومۇملاشقان ئۆرپ- ئادەت» مەۋجۇت، ئۇ بولسىمۇ ھەممىسىدە مەلۇم بىر خىل دىن بار، ھەممىسى ئوخشاشلا تەنتەنىلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ھەممىسى بىردەك ئۆلگەن كىشىنى دەپنە قىلىدۇ، دەپ ئوتتۇرغا قويغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كىشىلىك ھايات پەلسەپىسى تۇغۇم ۋە ئۆلۈمنى مەركەز قىلىپ بارلىققا كېلىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ. «غەرىبنىڭ ئىددىيە تارىخىدا ئۇلۇغ پەيلاسوپ سوقراتتىن باشلاپ، ئۆلۈم پەلسەپىۋىي پىكىرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسدا تۇرغان.»③
  ھاياتقا ئوخشاشلا ئۆلۈممۇ ئىنسان ماھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئوبىكتىپ ئامىل، ئادەمنىڭ جىسمىي ھاياتى كۈچىنى يوقاتقاندىن كىيىن ، يەنىلا بىر خىل روھ ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ  ھەر قانداق جانلىقتىن قىممەتلىك تەرىپى. شۇڭا ھەرقانداق سەنئەت، سەنئەتكار موشۇ نۇقتىدىن چىقىپ ئىپادىلىدى. بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۆلۈم تېمىسى ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان تېما سۈپىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى، ھەتتا ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىپادە قىلىندى.
  باھادىرنامە رومانىدىكى ئۆلۈم تەسۋىرلەنگەن سۆز-جۈملىلەردىن خەلقىمىزنىڭ ئۆلۈمگە تۇتقان پوزىتسىيسى، ھاياتلىق پەلسەپىسى ۋە ئېتىقادىنى بەلگىلىك دەرىجىدە كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. روماندا قەھرىمانلارنىڭ تۇغۇلۇشى جەريانىدىكى تەپسىلاتلار ئاساسەن يېزىلمىغان، يېزىلغانلىرىمۇ شۇنداق ئىخچام يېزىلىپلا ئۆتۈپ كەتكەن، ئەمما ۋاپاتى شۇنداق تەپسىلي، ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇلۇپ يېزىلغان. ئۇلارنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى سۆز- جۈملىلەر كۆپ بولۇشىغا قارىماي، ئىپادىلەش جەھەتتە تەكرارلىق ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن. بۇنى بىر تەرەپتىن ئاپتورنىڭ تىل بايلىقىنىڭ موللۇقى دەپ چۈشەنسەك، يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئۆلۈمنى ھاياتلىققا ئوخشاشلا مۇھىم بىلىدىغان، ئىنساننىڭ قەدىر- قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلىدىغان، ئۆلۈمنى يارىشىقىدا ئۇزىتىش ۋە سۈپەتلەشنى  ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ بەلگىسى دەپ بىلىدىغان تەپەككۇرىمىزنىڭ ئىپادىسى دەپ تونۇشقىمۇ بولىدۇ.
بىرىنچى، روماندىكى ئۆلۈم تەسۋىرلىرى
  روماندا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك ئۆلۈم تەسۋىرى ئۇچرايدۇ:
1)        ئادالەتلىك، پاراسەتلىك سۇلتانلارنىڭ ئۆلۈم تەسۋىرى. رومان سۇلتان ئۇۋەيىسخاننىڭ ئاتىسى شىرئەلى ئوغلاننىڭ مۇسبىتى بىلەن باشلىنىدۇ. مەلىكە سۇلتان خاتۇننىڭ تىلىدىن «...رەھمەتلىك پەدەرلىرى شۇڭقار بولغاندىن بىرى...» دېگەن بايان بېرىلىدۇ. بۇ يەردىكى«شۇڭقار بولۇش» تەبئىيلا مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى باتۇر- باھادىرلىقىدىن بەلگە بېرىدۇ. «تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەھرىمانلىق ئىپوسلىرىدا شۇڭقار ياكى بۈركۈت قەھرىماننىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ ئىدى، ئۇنىڭ روھىنى چەكسىز كۆككە ئاچىقىپ كېتەتتى... غەربتىكى تۈركىي قوۋملەر ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان، ھەتتا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ ‹ئۇ ئۆلدى› دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ‹شۇڭقار بولدى› دېگەن ئىدېئومنى قوللىنىپ كەلدى». ④
2)        زالىم، ئىشرەتخور، نەپسانىيەتچى سۇلتانلارنىڭ ئۆلۈم تەسۋىرى. بۇنداقلارنىڭ ئۆلۈمى گەرچە خەلقنى خۇشال، رەقىبلىرىنى تەقەززا قىلسىمۇ يەنىلا بىۋاستە ئۆلۈم سۆزىنى ئىشلەتمەستىن، سىلىقلاپ ئېيتىلىدۇ-يۇ، باشقا پېرسوناژلارنىڭ دېئالوگلىرى ئارقىلىق بۇ خىل كەيپىيات ئىپادە قلىنىدۇ. مەسىلەن: زالىم شاھ شىر مۇھەممەدخاننىڭ قازا قىلىشى گەرچە خانلىق ئۈچۈن پايدىلىق بولسىمۇ كۆپچىلىك ئاشكارا ئىپادىلىمەيدۇ ۋە بۇ ئۆلۈمنى يوشۇرۇپ، نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ چۈشۈرۈپ، خانلىق ئىچىدىكى زىددىيەت ئۇۋەيسخاننى تەخىتتە ئولتۇرغۇزۇش يولى بىلەن ھەل قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن مۇسبەت جاكارلىنىدۇ. يەنىلا «ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە كەتتى» دەپ بىر چىرايلىق سۈپەتلىنىدۇ. بۇ ئاپتورنىڭ سۇبىكتىپ ھېسياتىغا باغلىق بولماي، تىل ۋە تەپەككۇر ئادىتىمىزگە ناھايىتى ئۇيغۇن. يەنە دوستمۇھەممەدخاننىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن «پادىشاھى ئالەم قازا قىلدى» دېگەن خەۋەر خۇددى «بالايىئاپەت قازا قىلدى» دېگەندەك ئاڭلىنىپ پۈتۈن خەلق خۇشال بولسىمۇ بۇ خۇشلۇقىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالماي يەنە ئۆز يولىدا قارىلىق تۇتىدۇ.
3)        ياشىنىپ قېلىش ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئۆلۈم تەسۋىرى. بۇ خىل تەسۋىرلەر روشەن ھالدا تەسەللىي ئېيتىش ۋە تەقدىرگە تەن بېرىش تۈسىگە ئېگە. زىيادە قېرىپ كىتىش كېسەللىككە ئوخشاشلا ئازاب. گەرچە قېرىلىقنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ھېكمەتلىرى بولسىمۇ، نۇرغۇن ياشانغان كىشىلەر تەۋەررۈك سانىلىپ قەدىرلەنسىمۇ ئۇلار تەبئىيلا باشقىلارغا ھاجەتمەن بولۇپ قالغانلىقىدىن ئازابلىنىدۇ، شۇڭا تەقۋادار كىشىلەر قېرىلىق ئازابىنى تارتىشتىن قۇتۇلۇپ تىزرەك «ئامانەتنى تاپشۇرۇپ، ئارام تېپىشنى» تىلەيدۇ، روماندا بۇ خىل قاراشمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇلۇسبېگى خۇدايداد ئېغىر كېسەل بولۇپ ياتقان ئوغلى قازا قىلغاندا قاتتىق ئازابىنى يوشۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:«...ئارتۇقچە نالە- زار قىلىپ بىسەرەمجان بولمىسۇنلار. ئەمىرزادەمنىڭ ۋاقتى- سائىتى يەتكەن ئوخشايدۇ،‹بالاغا سەۋر، قازاغا رىزا› دەپتكەن. شۇڭا رىزالىق بىرىپ ئاخىرەتلىكىگە تەييارلىق قىلسۇنلار.» (باھادىرنامە، 84-بەت) سەييىد ئەلى ئالىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ قازا قىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئاغىچىسى ئۇزسۇلتان مەلىكە ۋاپات بولغاندا ئەتراپىدىكىلەر مۇنداق دەيدۇ: «-دۇئا قىلسىلا ئەمىرزادەم، مەلىكە ئالىيلىرى ئارام تېپىپتۇ...»(باھادىرنامە 1100- بەت) ئۆلۈم ماھىيەتتە ئانچە قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس. ئۇ بىر خىل ئارام تېپىش، مەڭگۈلۈك ئەركىنلىكتىن ئىبارەت.
4)        يۇرت- خەلق دۈشمەنلىرىنىڭ ۋە خائىنلارنىڭ ئۆلۈم تەسۋىرى. بۇ خىلدىكى تەسۋىرلەردىمۇ ئوخشاشلا سىلىقلاش تۈسى بار. ئەمما بۇ باشقا ئۆلۈم تەسۋىرلىرىدىن پەرقلىق ھالدا كەسكىنرەك پوزىتسىيە بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدا «كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىش»، «قىلىچتىن ئۆتكۈزۈش» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن بىر قاتاردا «جان رىشتىسىنى كېسىپ تاشلاش»، «كەلمەس بولۇپ كەتكەنلەر قاتارىغا قوشۇۋىتىش»، «ھاياتلىق دەرىخىنىڭ يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش» قاتارلىق ئىۋفىمىزىملىق سۆزلەرمۇ قوللىنىلغان.  
5)        جەڭدە قازا قىلغانلارنىڭ ئۆلۈم تەسۋىرى. بۇ خىل تەسۋىرلەر ئومۇملاشقان تىل ئادىتىمىزدىكى «شېھىت بولۇش، قەتلى قىلىنىش، شاھادەت شارابىنى ئىچىش» ئىبارىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. جەڭدە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ قازا قىلىش بىر خىل ساداقەت، شەرەپلىك مەسئۇلىيەت سانالغان.  بۇلارنىڭ ئۆلۈمىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۇلۇغلانغان.
6)        ئۆلۈم ئاغزىدىن يېنىپ ئامان قېلىشقا ياكى ئۆلۈپ كېتىشى بەلگىلىك بولۇپ قالغانلىققا  ئائىت تەسۋىرلەر. مەسىلەن، سەييىد ئەلى ئالىپ مىرزا ئۇلۇغبەگنى يولۋاسنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قالغان چاغدا ئۇ «خۇداغا شۈكرى، سەييىدئەلى ئالىپ جېنىمىزغا ئارا تۇردى،» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «ئاش- تائامدىن قاپتۇدەك، بىر- ئىككى كۈنلۈكى قاپتۇدەك،» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۆلۈمدىن بىشارەت بېرىشتە قوللانغان.
ئىككىنچى، ئۆلۈم تەسۋىرلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ھاياتلىق- ئۆلۈم پەلسەپىسى
  «ئۆلۈم ھەقىقەتەنمۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئاخىرقى چوڭ ئىش. ئۇنىڭغا قانداق تەييارلىق قىلىش ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق ھەققىدىكى پەلسەپىۋي چۈشەنچىسىگە باغلىق.» ⑤روماندىكى ئۆلۈم تەسۋىرلىرىدە ئىپادىلەنگەن پەلسەپىۋىي ئىددىينى روماندا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان دەۋر بىلەن باغلاپ چۈشىنىش تامامەن مۇمكىن. «ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخىدا ‹كەنجى ئويغىنىش دەۋرى›دەپ ئاتالغان بىر باسقۇچ بولۇپ، بۇ ئەرەب مەدەنىيىتى دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە سەمەرقەندنى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت ئۆركىشىنى نەزەردە تۇتىدۇ.»⑥ روماندا ئەكىس ئەتتۈرگىنى دەل موشۇ تارىخىي دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «بۇ شۇنداق بىر دەۋر بولغان ئىدى: بىر تەرەپتە تەبىئەت ئىلىمى، ھۈنەر- سەنئەت ئالىملىرى ئۆز لاگىرىنى، ئۆز داھىيلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن، يەنە بىر تەرەپتە ئىلاھىيەتچلىك، روھانىيەتچىل سوپىزىم ھامىيلىرى ئۆز لاگىرىنى، ئۆز ۋەكىللىرىنى شەكىللەندۈرگەن؛ بىر تەرەپتە دەھشەتلىك نىزا ۋە ئۇرۇشلار، خانىۋەيرانلىق، يەنە بىر تەرەپتە قۇرۇلۇش، بىناكارلىق ۋە مەدەنىيەت گۈللنىشى، ئالاھىدە تىپىكلىككە ئېگە بولغان بۇ تارىخىي مۇھىت پۈتكۈل ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدىئولوگىيسى تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى.»⑦
  ئاپتۇر يۇقىرىقىدەك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنى تاللىغان تۇرۇقلۇق نېمىشقا پاسسىپ تەرەپلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرمىدى؟ نېمىشقا شۇ زامانلاردا ئەۋج ئالغان تەركىدۇنياچىلىق ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان ئۆلۈمنىلا كۈتۈپ ياشاش ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش روماندا يوق؟ مانا بۇ مەسىلە روماننىڭ ئەھمىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بىر نۇقتا.
  سوفىزىم ئىسلام پەلسەپىسىدىكى ئالاھىدە بىر ئۇقۇم  بولۇپ بۇنىڭ ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تەرەپلىرىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. روماندا ئىپادىلەنگەن ئۆلۈم قارىشى ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ بۇرمىلانغان شەكلى بولغان ئاتالمىش «سوفىي» لارنىڭ تەركىدۇنياچىلىق بىلەن ئۆلۈمنى كۈتۈشى ۋە ئۆلۈمگە خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنىشى ئەمەس، قىسمەن ئوبرازلارنىڭ ئۆلۈمىدىن باشقا(دوستمۇممەدخان، سانىز مىرزا) كۆپلىرىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى تەسۋىرلەردە ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ خىل مۇقەررەرلىكنى توغرا تونۇش، ھاياتلىققا ئوخشاشلا نورمال قوبۇل قىلىش ۋە دادىل يۈزلىنىش خاھىشلىرى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆلۈممۇ ھاياتلىققا ئوخشاشلا ھېكمەتلەرنىڭ بىرى، بۇ دۇنيادىكى ھادىسلەرنىڭ ھېچبىرى سەۋەبسىز بولماستىن قانۇنىيەتلىك، ھېكمەتلىك بولىدۇ. روماندا بىر قانچە قېتىملاپ «بىز ھەمىمىز ئاللانىڭ ئېگىدارچىلىقىدىمىز، ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەت نەقىل كەلتۈرۈلۈپ بىر تەرەپتىن تەسەللىي ئيتىش ۋە سەۋر قىلىشقا ئۈندەش مەنىسىنى ئىپادىلىسە يەنە بىر تەرەپتىن ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ھادىسىنى توغرا تونۇشقا يىتەكلىنىدۇ.
دېمەك، ئۆلۈم ھەققىدىكى تەسۋىرلەردە دىنىي ئېتىقاد- ئىسلام پەلسەپىسى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، « ئاللانىڭ رەھمىتىگە مۇشەررەپ بولۇپ باقىيغا سەپەر قىلدى»، «ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە كەتتى»، « رەھمەت دەرياسىنىڭ شەربىتىنى تېتىدى» دېگەندەك تەسۋىرلەردىن ئۆلۈمنى بىر خىل ئارام تېپىش، ئاللا تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپات دەپ بىلىشتەك قاراشلارنى بىلگىلى بولىدۇ. « ئامانەتنى تىزرەك تاپشۇرۇپ، جانابى ھۆسنى مۇتلەقنىڭ دەرگاھىغا بېرىش»، «مۇبارەك روھلىرىنىڭ لاچىنى پاكلىق ئالىمىدە پەرۋاز قىلىپ، جانابى ھەقنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىپتۇ»، « جانابى ھەققە ئامانەتنى تاپشۇرىدىغان ۋاقىتلىرىم يېقىنلىشىپ قالدى» دېگەندەك تەسۋىرلەردىن سوفىزىم ئىددىيلىرىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
  ئۆلۈمگە ئائىت بايانلاردا ئىپادىلەنگەن يەنە بىر مۇھىم ئىددىيە ھاياتلىقىدا قانداق نام- ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل بولسا، ئۆلۈمىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ بولىدۇ، دېگەن ھاياتلىق پەلسەپىسى. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە دىنىي ئېتىقاد بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىز، زالىم پادىشاھ دوستمۇھەممەدخاننىڭ ۋاقىتسىز، رەسۋالارچە ئۆلۈشى، سەييىد ئەلى ئالىپنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ھەممە پىلانلىرىنى ئورۇنلاپ بولۇپ خاتىرجەم كۆز يۇمۇشى قاتارلىقلار بىزنى ئۆلۈم ۋە ھاياتلىقتىكى كەچۈرمىشلەرنى بىۋاستە باغلاپ تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.
  بۇنىڭدىن باشقا، ھاياتلىق تۈرلۈك تاساددىپىيلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، تەقدىرنىڭ ئېرادىسى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دىگەن قاراشمۇ بار، سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ ئۆز سەركەردىسىنىڭ تاسادىپىي قېيىپ كەتكەن ئوقىدا ھاياتىدىن ئايرىلىشى، ئۇ سەركەردىنىڭ ۋىجدان ئازابىغا چىدىماي ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىشى، سانىز مىرزىنىڭ شۇنچە ھەيۋەتلىك جەڭدىن ئامان قېلىپ ئاتتىن يىقىلىپ، يۇلغۇن كۆتىكى سانجىلىپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ ئۆز ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى مانا شۇ پىكىرنىڭ دەلىلىدۇر. ئوتتۇرا ئاسىيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇلۇغبەگنىڭ تىراگىدىيىسى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ئۇلۇغبەگ ئۆزىنىڭ ئوغلى لەشكىرى جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ ئۇنى جەڭگە چاقىرغاندا ئۆز- ئۆزىگە شۇنداق دەيدۇ: «...ئۆز پەرزەنتىمدىن ۋاپا كەلمىگەن بۇ ئالتە كۈنلۈك دۇنياغا نىمانچە تارتىشىمەن؟ نېمىشقا مەردلىك بىلەن ئۆلۈمگە يۈزلىنەلمەيمەن؟ شۇنچىلىك قورقۇنچاق بولۇپ كەتتىممۇ ئەمدى؟...»(باھادىرنامە 846-بەت)  بۇ دۇنيانىڭ سىرلىرى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ، ئۆلۈممۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بىر ئۇلۇغ ئالىم، كاتتا پادىشاھنىڭ ئۆز پۇشتى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىشى ئىنسان، ھايات ماھىيىتى ھەققىدىكى سىر بولماي نېمە؟
ئۈچىنچى، ئۆلۈم ھەققىدىكى ماقال- تەمسىللەر
   ماقال – تەمسىل بىر مىللەتنىڭ تارىخى تەرەققىيات داۋامىدىكى ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جۇغلانمىسى. ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ماقال - تەمسىللىرى بار بولۇپ، بۇ بىر مىللەت مەدەنىيىتىنى كۆزىتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك.⑧ ئۆلۈم ھەققىدىكى ماقال- تەمسىللەرمۇ روماندا بەلگىلىك پەلسەپىۋىي مەزمۇننى ئىپادىلەش رولىنى ئوينىغان. «قازاغا رىزا،بالاغا سەۋر»، «ئون ئۆلۈكتىن بىر شېھىت ئەلا، ئون شېھىتتىن بىر تىرىك ئەلا»، «جان بار يەردە قازا بار»، «يىغا يىغىنى كەلتۈرەر، قارا قارىنى چىللار»، «جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان» دېگەندەك ماقال- تەمسىللەر ئۆلۈم سەۋەبىدىن ئارتۇقچە قايغۇرۇپ ئۆزنى ئالدۇرۇپ قويماسلىق، تىرىكلەر يەنە ھاياتىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇش، ئۆلۈمگە توغرا پوزىتسىيدە بولۇش قاتارلىق قاراشلارنى ناھايىتى جايىدا كۆرسىتىپ بەرگەن.
  شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، ئۆلۈم ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تىل ئادىتىدە تابۇ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئادەتتە بىۋاستە قوللىنىلماستىن سىلىقلاپ ئېيتىلىدۇ. روماندىكى بىزنى قايىل قىلىدىغان يەنە بىر مەسىلە بىز ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا كۆپ قوللىنىدىغان ئۆلۈم ھەققىدىكى ئىۋفىمىزىملىق سۆزلەردىن باشقا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئالاھىدە ئىۋفمىزىملارمۇ قوللىنىلغان.
گۇمانىزىملىق نۇقتىدىن قارىغاندا روماندا ناھايىتى سىلىقلاپ قوللىنىلغان تەسۋىرلەردىن ئىنسانغا بولغان ئۇلۇغلاشنى كۆرۈۋېلىشمۇ مۇمكىن. بىزنىڭ ئۆرپ- ئادىتىمىزدە بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ قانداق ئۇزىتىلغانلىقى ئۇ كىشىنىڭ قەدىر- قىممىتىنىمۇ ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. ئۆلۈمگە نىسبەتەن ھەممىنى قوبۇل قىلىش پوزىتسيسىدىلا بولۇپ، بىپەرۋا بولۇۋالماسلىق، زىيادە قايغۇرۇپ ئۆزىنى خوراتماسلىق، ھاياتلىقىدا ئۆلۈمنى ئويلاپ ياخشى ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەھمىيەتلىك ياشاش بىزنىڭ ئۆلۈم ھەققىدىكى پەلسەپىمىزنىڭ جەۋھىرى. روماندا بۇ نۇقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
  خۇلاسىلىگەندە «باھادىرنامە» زور ھەجىملىك رومان بولغاچقا پىرسوناژلارنىڭ ئۆلۈمىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا تاپشۇرۇشنى تەقەززا قىلغانلىقتىن ئۆلۈمگە ئائىت تەپسىلاتلارغا بەلگىلىك سەھىپە ئاجرىتىشقا تېگىشلىك بولىدۇ ۋە بۇ تەپسىلاتلار تەبئىي ھالدا روماننىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە روماندا جەڭ ۋەقەلىكى ئاساس ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئۆلۈم-يىتىم ئەھۋالىنىڭ كۆپ يېزىلىشىمۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال. ئەمما بىز نەزەر دائىرىمىزنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق بىر قەدەر چوڭقۇر پەلسەپىۋىي مەنىنى ھېس قىلالايمىز. روماندا ئۆلۈم ھەققىدىكى تەپسىلاتلارغا مۇنداق كەڭرى ئورۇن بېرىلىشى ۋە ئاكتىپ مەنىدىن قەلەمگە ئېلىنىشى بىزنىڭ تۇرمۇش، ھاياتلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىلەردە بەلگىلىك پەلسەپىۋى چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىزدىنىشمىزدە رېئال ئەھمىيەتكە ئېگە.

ئىزاھاتلار:
① ياسىنجان سادىق چوغلان: «باھادىرنامە»، 2010-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى، 1-بەت
②叶舒宪:《英雄与太阳》,陕西人民出版社,2005年5月第1版 第209页
③叶舒宪: 《英雄与太阳》,陕西人民出版社,2005年5月第1版 第215页
④ ئەسئەت سۇلايمان: «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2003- يىل 3- ئاي، 1- نەشىرى، 409- بەت
⑤ نىجات يۈسۈپ ئوغۇزى:«ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم»،ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2007-   يىللىق 5-سان
⑥ ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، 2009-يىل 8-ئاي 2-نەشىرى 286-بەت
⑦ ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، 2009-يىل 8-ئاي 2-نەشىرى 286-بەت
⑧گۇلنار ئوبۇل، بۇئايشەم ئابدۇرىشىت: «ئۇيغۇر تىلىدىكى مىتافۇرا ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2011-يىللىق 3- سان

پايدىلانمىلار:
1.        ياسىنجان سادىق چوغلان: «باھادىرنامە»، 2010- يىل 8- ئاي 1- نەشىرى
2.        ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، 2009-يىل 8-ئاي 2-نەشىرى
3.        گۇلنار ئوبۇل، بۇئايشەم ئابدۇرىشىت: «ئۇيغۇر تىلىدىكى مىتافۇرا ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل»، «تىل ۋە تەرجىمە » ژۇرنىلى، 2011-يىللىق 3- سان
4.        نىجات يۈسۈپ ئوغۇزى،«ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم»، ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2007-يىللىق 5-سان
5.        叶舒宪,“英雄与太阳”,陕西人民出版社, 2005年5月第1版
6.        维柯:“新科学”,人民文学出版社,2008年12月第1次印刷
7.        ئەسئەت سۇلايمان: «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2003- يىل 3- ئاي، 1- نەشىرى
(بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» نىڭ 2012- يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان.)


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2017-2-21 11:36 , Processed in 0.132346 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش