تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 46|ئىنكاس: 0

مەرىپەت ۋە ئىنسانىي قىممەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   مەرىپەت ۋە ئىنسانىي قىممەت

                                              ئابدۇبەسىر شۈكۈرى

(شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى)

قىسقىچە مەزمۇنى:ماقالىدە،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپ ئىدىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان«جەدىدىزىم»ئىدىيەلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىنىڭ روياپقا چىقىشى،مەنبەسى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى قاششاقلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي ۋە ئىلمىي پىكىر يۈرگۈزىلىدۇ.
قەدىمىي مەركىزى ئاسىيا،جۈملىدىن ئۇيغۇرلار قەدىمدىن ياشاپ كەلگەن كەڭ زېمىنلار مىلادىيىدىن بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرىلا ئىنسانىيەت ئۇيغارلىقىنىڭ بىرىنچى ئويغىنىش دەۋرى بىلەن ئۇچراشتى.مىلادىيىدىن ئاۋۋالقى4-ئەسىرلەردىلا قەندىھارنى مەركەز قىلغان ئېلىنىزىم بۇددا دىنى ئارقىلىق مىلادىيەنىڭ ئالدى-كەينىدە تارىم ۋادىسىدا ئەكس سادا پەيدا قىلدى.رايونىمىزدىكى زاغۇنلۇق،كىروران،يارغول،يانقىر قەدىمىي ئىزلىرى مانا شۇ پارلاق مەدەنىيەتلەرنىڭ پولاتتەك پاكىتىدۇر.ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى شەرق ئويغىنىش دەۋرى (مىلادىيە9- ئەسىردىن 16- ئەسىرلەرگىچە)ئەنە شۇ مەدەنىيەت ئېنېرگىيەسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن شەرق خەلقلىرىنىڭ يەرلىك مىللىي مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاكتۇئال تەرەپلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە روياپقا چىقتى.بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئىككىنچى ئويغىنىش دەۋرىدۇر. بىرىنچى ئويغىنىش دەۋرىدە قەدىمكى گىرېتسىيىلىك ۋە رىملىقلار ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ بايراقدارى بولغىنىدەك، ئىككىنچى ئويغىنىش دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى دۇنيا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى يېتەكچى سېپىدە تۇردى.مىلادىيە18-ئەسىردە غەربتە پار ماشىنىسىنى بەلگە قىلغان سانائەت ئىنقىلابى غەربلىكلەرنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئۈچىنچى ئويغىنىش دەۋرىگە باشلاپ كىردى.مۇشۇ ئويغىنىش دەۋرلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلىم-پەن مەدەنىيىتىنى يادرو قىلغانلىقى بىلەن خاراكتېرلەندى.ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنىڭ بىرىنچى ئويغىنىش دەۋرى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقان،ئىككىنچى ئويغىنىش دەۋرىگە ئىشتىراك قىلغان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك قوۋمدۇر.شۇڭا،ئۇلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن بىزئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان سەھىپىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى،شەرق ۋە غەربكە تەۋە ئىنساننىڭ ئەقلىي كامالىغا تەئەللۇق بارلىق بۈيۈك پىكىرلەرنى كۆرەلەيمىز.مۇشۇنداق بىر مەدەنىيەتنىڭ ساھىبى مىلادىيە17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى ۋە ئەقلىي پىكىر يوللىرىنى تەرك قىلىپ،سوپى-ئىشانچىلىق تۇغلىرىنى ئېگىز كۆتۈرگەن،ماھىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل رەزىل مەقسەتلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان جاھالەت پىرلىرىنىڭ كەينىدىن رايىشلىق بىلەن ئەگەشتى.ناھايەت،ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىرىدىن بارغانچە يىراقلىشىپ،غەپلەت ئۇيقۇلىرىغا غەرق بولۇشقا باشلىدى.ئۇلار قەدەممۇ قەدەم ئەجدادلىرىنىڭ«قۇتاد غۇبىلىگ» ،«بىلىم،بىلىم بىلمەكتۇر،بىلىم كەندىن بىلمەكتۇر»،«ئادەملەر قەلبىنىڭ چىراغى بىلىم،بالادىن ساقلىنىش ياراغى بىلىم»،«بىلىمىدىن پەرقلىنەر كىشى يىلقىدىن،نېمە بار بۈيۈكرەك بكلەك بىلىمدىن»...دېگەندەك ئاجايىپ ھېكمەتلىرىنى ئۇنتۇپ، تەركىيدۇنيالىق ۋە مازايى-ماشايىخ سېغىنىشلىرىنى ھەممىدىن مۇقەددەس ئەمەللىرى قاتارىغا قويدى.خۇددى مەۋلانە جالالىدىن رۇمى ئېيتقان ھالەت ئاخىرى يۈز بەردى. مەۋلانە مۇنداق دېگەن ئەمەسمىدى:«شەرق ھەقنى تاپتى كېچىپ دۇنيادىن،غەرب دۇنيا تاپتى كېچىپ ئاللادىن.»شەرق ئويغىنىش دەۋرى يېتىشتۈرگەن ئەللامە بوۋىلىرىمىزنىڭ ئېيتقانلىرى بەرھەق ئىدى.راست،ئادىيمىلىك نىشانى ئىلىم خاسىيىتى بىلەن باغلىناتتى،ئىنسانىي سۈپەت ئىلىم بىلەن كامال تېپىشقا جۈرئەت قىلالىغان بەندىلەرگە تالىق ئىدى.مۇبادا كىشى ئوغلى جاھاندىن ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ ئۆتۈشنى مەجبۇرىيەت،دەپ بىلسە ئىدى،ئۇ ھەممىدىن بۇرۇن ئىلىمنى ئاشنا تۇتار ئىدى.راست،دۇنيادىكى جىمى ئەزگۈلۈك ئىلىم خاسىيىتىدىن،دۇنيادىكى بارلىق ھاياتىي پاجىئە ۋە بەختسىزلىكلەر بىلىمسىزلىك كاساپىتىدىندۇر.پەقەت بىلىملا كىشىنى مەنىۋى چەكسىزلىككە باشلىيالايدۇ.ئەكسىچە،جاھان زىندانلىرى ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىكى نادانلىققا تەۋە بولغان مەنىۋى زىنداندۇر.ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئەقلىي كامالىتى بىلەنلا ھەممىدىن ئۈستۈن ۋە ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.شۇڭا،بىلىملىك ئوغلانلىرىنىڭ سانى كۆپ بولمىغان مىللەت بەختسىز مىللەتتۇر، بىلىملىك ئوغلانلىرىنىڭ سانى كۆپ بولمىغان ۋەتەن بەختسىز ۋەتەندۇر.بۇنداق ۋەتەن جاھالەتنىڭ ماكانىدۇر.بۇنداق ماكاندىكى ئادەملەر دۇنيانى بىلمەيدۇ،دۇنيا ھەم بۇنداق ئادەملەرنىمۇ بىلمەيدۇ.ئۇلار دۇنيانىڭ ماس تەرەققىياتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.ئەگەر ئۇشبۇ غەپلەت ئۇيقۇسى ئۇزاق داۋاملاشسا،بۇنداق ماكان ھەتتا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى يوقىتىدۇ.بىزنىڭ خەلقىمىز نەق مۇشۇنداق تارىخىي پاجىئەگە يۈزلەنگەنىدى.20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە خۇددى بۈيۈك شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئېيتقاندەك خەلقىمىز ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە ماسلىشالماي،قاششاقلىق ۋە نادانلىقتا قالدى.شائىر بۇ ھالنى مۇنداق يازغانىدى:   
«ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﻛﯚﻛﺘﻪ ﺋﯘﭼﯘپ، ﺳﯘدا ﺋﯜزۈپ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻳﯩﺮاق،   
ﻣﻪن ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﻳﺎلاڭ ﺋﺎﻳﺎغ، دەﺳﺴﻪپ ﺗﯩﻜﻪن ﻣﺎﯕﺎرﯨﻤﻪن.   
   
ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﻮق ﺧﻪۋەر، ﺑﺎﺳﺘﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪت ﺧﻪۋپ - ﺧﻪﺗﻪر،   
ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻗﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺗﺘﻪر، ﻗﺎﻧﺪاق ﭼﯩﺪاپ ﺗﯘرارﯨﻤﻪن؟   
   
ﺗﯩﻞ - ﮬﺎﻗﺎرەت، ﺗﻪﻧﻪ - دﯨﺨﻤﺎر، ۋاي داد! ... ﺑﯘ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﯩﺪى،   
ﺋﻪﻣﺪى ﻧﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎق ﻛﯧﺮەك، ﺋﻪﺟﻪﺑﻤﯘ ﺑﻮﻟﺪۇم ﺧﺎرﯨﻤﻪن.   
   
زۇﻟﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﯩﺪﯨﻦﺗﺎﭘﻤﺎي ﭘﺎراﻏﻪت ﺋﺎرﯨﻠﻰ،   
ﺗﺎغ ﻛﻪﺑﻰ دوﻟﻘﯘﻧﺪا ﺋﯚرﻟﻪپ، ﮬﻪﻗﻘﻪ ﺋﺎھ ﺋﯘرارﯨﻤﻪن.   
   
دەۋرى ﺟﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻦﺋﯩﺴﯩﺖ! ﮬﺎﻟﯩﯖﻐﺎﺋﯘﻳﻐﯘر ۋاﻳﯩﻜﯩﻢ،   
ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗﭼﯩﻖ، ﺗﺎﭘﻤﺎﻳﺴﻪن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎرﯨﺴﻪن»①
مىللەتپەرۋەر،مەرىپەتپەرۋەر،ئىلغار ئىدىيىلىك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز مىللىتىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ھالىغا قاتتىق ئېچىنىپ مانا مۇشۇنداق ئوتلۇق نىدادا مىللەتنى ھوش ۋە ئەقىل-ئىدراكقا چاقىرىدۇ.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن    20-ئەسىرنىڭ باشىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا چەت ئەللەردە ئوقۇغان بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلىرىمىز مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەقدىرى ھەققىدە جىددى ئويلانغان.ناھايەت ،مۇشۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلاردا مەرىپەتچىلىك ۋە دېموكراتىك پىكىر ئېقىمى ۋۇجۇدقا كەلگەن.«جەدىدىزم»دەپ ناملانغان يېڭى زامان ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى ماھىيەتتە ئىلغار ئىدىيەلەر بىلەن قوراللانغان ئسلام ئسلاھاتچىلىرى ئىدى .ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،ھەرخىل دىنىي ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى يۈز بەردى.ئەمەلىيەتتە دۇنيا كاپىتالىستىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئىسلام شەرقىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىپ،ئىسلامىيەت دۇنياسىدا دىنىي ئىسلاھاتچىلىق تەشەببۇسلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تەقەززا قىلدى.1883-يىلى قىرىم تاتارلىرىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر جەدىد ئىسمائىل غاسپىرالى روسىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا«ئۇسۇلى جەدىدىيە» (يېڭىچە ئۇسۇل)نى تەشۋىق قېلىپ،يېڭىچە مەكتەپلەرنى ئېچىپ،غەرب ئوقۇتۇش ئەندىزسىنى ئېلىپ كىردى.ئۇنىڭ قارىشىچە،مۇسۇلمان شەرقى پەقەت يېڭى زامان ئىلغار ئىلىم-پېنى بىلەن قوراللانغاندىلا،ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى قولغا ئالالايتتى.بۇ ھەقىقەت ئىدى.ھاياتىنى يەكەندە مەرىپەتچىلىك ۋە تېبابەت ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن قوقەند ئوغلى سۆيۈملۈك شائىرىمىز زاكىرجان خالمۇھەممەد ئوغلى فۇرقەت ياۋروپانى كۆرۈپ،ئۇ يەردىكى ئىلغارلىق بىلەن ئۆزىمىزدىكى قاششاقلىقنى سېلىشتۇرۇپ ھەسرەت بىلەن مۇنداق دەيدۇ:
«...
جەھان بەستۇ كۇشادى ئىلىم بىرلە،
نەدۇر دىلنىڭ مۇرادى ئىلىم بىرلە.
كۆڭۈللەرنىڭ سۇرۇدى ئىلىمدەندۇر،
كۆرەر كۆزلەرنى نۇرى ئىلىمدەندۇر.

كېرەك ھەر ئىلىمدە بولماق خەبەردار،
بولەر ھەر قەيسى ئۆز ۋەقتىدە دەركار.
دەرىخا فۇرقەتىي بىئىلىم قالدىم،
ئۆزۈمنى جەھىل زىندانىغە سالدىم.»②
شائىر ئىلىم-پەننىڭ خاسىيىتىنى سۆزلەپ كېلىپ،ئاخىرقى ئىككى مىسراسىدا ئۆزىمىزنىڭ  ئىلىمسىزلىك دەردىدىن جاھالەت زىندانلىرىغا بەند ئىكەنلىكىمىزدىن قايغۇرىدۇ.ئۇ پۈتمەس ھەسرەت ۋە دەرد-ئەلەملەر قاينىمىغا غەرق بولىدۇ.شۇ زامانلاردا بۇخارادا ئىلىم تەھسىل قىلغان يەنە بىر كاتتا ئەللامە ئابدۇقادىر داموللاممۇ مىللەت ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم نەرسە ئىلىم ئىكەنلىكىنى مۇنداق قەيت قىلغان:
«...
پەزىلەت كۆپ ئېرۇر بۇ ئالەم ئارا،
ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەلىيۇل ئەلا.
ئىلىمدىن غەيرىيسى ئەمەستۇر بايلىق،
ئىلىم- كان،قازغانغا تۈگىمەس ئەسلا.»③

مىللەتنى روناق تاپقۇزىدىغان،ئۇنى پۈتمەس كۈچ-قۇدرەت ۋە بايلىققا ئېرىشتۈرىدىغان ئەزگۈلۈك پەقەتلا ئىلىم،مەرىپەتتۇر. ئابدۇقادىر داموللام ئەينى چاغدا بۇ ھەقىقەتنى ناھايىتى چوڭقۇر ھېس قىلغان،ئۇنىڭ بۇ مىسرالىرى ئەنە شۇ ھەقىقەت تۇيغۇلىرىنىڭ يارقىن ئىنكاسىدۇر.20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى تۈركىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلغان جەدىدلىرىمىزدىن بىرى مەمتىلى توختاجى(تەۋپىق)خەلقىمىزنىڭ ئاشۇ جاھالەتتىن كەلمىش پاجىئەلىرىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى:
«ئوقۇدى-ئاشتى باشقىلار بىزدىن،ئەي قەدىردانلار،
كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار.
ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇر باشقا مىللەتلەر،
قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا،ئويلا ئۈممەتلەر.»④

دېمەك،خەلقىمىز 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە دۇنياۋى ئىلغار مەدەنىيەتلەرنىڭ ماس قەدىمىدىن روشەن ئايرىلىپ قالدى.ئاجايىپ سەلتەنەتلىك مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان،ئويغىنىش دەۋرى مەدەنىيىتىنىڭ بايراقدارلىرى بولمىش خەلقنىڭ ئەۋلادى ئەمدى ئۆزى ئۈچۈن قايغۇرۇشنىمۇ بىلمەيدىغان مەنىۋىيىتى خۇنۈك،قاششاق ئىجتىمائىيەتنىڭ ئەزالىرىغا ئايلىنىپ قالغانىدى.ئەسلىي پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ئىلغار،ھاياتىي كۈچكە ئىگە تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر،يېڭىلىقلارغا ئىنتىلىدىغان قوۋمنىڭ بالىچاقلىرى ئەمدىلىكتە قانداقتۇر ھېچقانداق يېڭىلىق بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدىغان،ئاكتۇئال ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلمايدىغان كىشىلەرگە ئايلانغانىدى.ئۇلار بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى ئاسىيانىڭ بىر بۇلۇڭىدا پەقەت ھاياتلىقنىڭ بېشارىتى سۈپىتىدە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتتىن خالىي زەئىپ بىر توپلۇق بولۇپ قالغانىدى،خالاس.دەل مىللەتنىڭ مانا مۇشۇنداق تارىخىي پاجىئەسى بىلىملىك ۋە ئىلغار زىيالىلارنىڭ قەلبىنى ئۆرتەپ،مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى قايغۇسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.شۇ ھەقىقەت قەلبىمىزگە چوڭقۇر ئورناپ قالىدۇكى،بىر دۆلەت،بىر مىللەت ياكى بىر ئائىلە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ  نادان ۋە بىلىمسىز بولۇپ قېلىشى ھەممىدىن چوڭ بەختسىزلىكتۇر.چۈنكى،نادانلىق تۇپراقلىرىدا بىپەرۋالىق ۋە غەپلەت شۇمبۇيىلىرى ئۆسىدۇ.بۇ شۇمبۇيىلار ئەقىل مېۋىلىرىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ،غايە،ئىرادە ھەم ئۈمىد-ئىستەك چېچەكلىرىنى قۇرۇتىدۇ.ھەقىقىي  ئىنسانىيلىقنىڭ ئەڭ ئەشەددىي ۋە ياۋۇز دۈشمىنى نادانلىقتۇر.شۇڭا،يۇقىرىقى مىسرالاردا فۇرقەتنىڭ بىلىمسىزلىك ھەم نادانلىققا جاھىل دوزاخ سۈپىتىنى بېرىشى بىكار ئەمەس. بىلىمسىزلىكنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى جاھىللىقتۇر. جاھىللىق ئىنسانىي سۈپەتلەردىن ئەڭ يىراق تۇرىدىغان غاپىللىق ۋە قاباھەت مەنزىلىنىڭ داغدام يولىدۇر.ئىنسان ئۈچۈن جاھان زىندانلىرى ئىچىدە ھەممىدىن بەك دەھشەتلىكى مەنىۋى زىنداندۇر. مەنىۋى زىندانلارنىڭ كۆككە تىرەلگەن دەھشەتلىك تاملىرى دەل ئاشۇ جاھىللىق كېسەكلىرىدە پۈتكەندۇر.نادانلىق يەنە بارلىق ياخشىلىق ۋە ئىنسانىي خىسلەتلەرنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىدۇر.ئۇنىڭدا نە ۋىجدان،نە ئىنسانىي تۇيغۇ،نە ئەقىل ۋە ئىنساب بولسۇن!قاراڭ،بىلىم ۋە ئەقىل سەمەرىسىدىن ۋىجدان ۋە غورۇر تېپىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالى ئۈچۈن قايغۇرغان شائىر،ئەللامىلىرىمىزغا!قاراڭ،ئۆز مىللىتىنى ئاشۇ مەنىۋى زىندانلاردىن قۇتقۇزۇپ،جاھاندىكى ئىنساندەك ياشايدىغان خەلقلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇزۇش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى پۇچۇلانغان غورۇر ساھىبلىرىغا!قاراڭ،ئىلىم نۇرى بىلەن قاپقارا دىللارنى يورۇتۇپ،ئىنسان ئەزگۈلۈكى ۋە ھىدايەت ھېكىمىتىنى روياپقا چىقىرىشقا بارلىقىنى بېغىشلىغان بىلىملىك ئوغلانلارغا!...
مىللەتنىڭ ئەشۇنداق مۇنەۋۋەر ئوغلانلىرىنىڭ تەقدىرىگە قاراڭ،ئۇلارنىڭ ئەزىز باشلىرى نادانلىق تىغلىرىدا مۇبارەك تەنلىرىدىن مەڭگۈلۈك جۇدا قىلىندى.ئەمما ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق زەخىرىلىك ئىستەكلىرى،گۈزەل غايىلىرى ئۆز خەلقىگە بولغان پۈتمەس ئەقىدىسى بىزگە مەڭگۈلۈك مەنىۋى بايلىق بولۇپ قالدى.بىز شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ«ئويغان»،«غەزەب ۋە زار»،«باردۇر»،«ئارمان»قاتارلىق شېئىرىلىرىنى،ياق،ئۇنىڭ ھەربىر شېئىرىنى ۋە ھەربىر مىسراسىنى ئەنە شۇنداق ئۇنتۇلماس مەڭگۈلۈك مەنىۋى بايلىقىمىز،دەپ بىلىمىز.
بىزگە ھازىر بىلىم ئېلىش،نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ئىمكانلىرى خېلى كەڭ،بۈگۈن دۇنيا ھەر قايسى ئەللەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلىدى.ئالىملارنىڭ قارىشىچە،يەر شارى بىر قۇتۇپلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.ئەللەر،مىللەتلەر،كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن قويۇق،جانلىق ۋە دائىملىق بولدى.پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ،ئۇچۇر دەۋرى ئۇنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى.مۇشۇنداق دەۋردە كىمىكى دۇنيانىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ،دۇنيانىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلاشمىسا،ئۇ بىچارە بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.بىلىش كېرەككى،بۇ زامان بىپەرۋالىق ۋە غەپلەت زامانىسى ئەمەس،بەلكى ئويغىنىش ۋە ئىجتىھات زامانىسى ئىدى.بۇ زامان نادانلىق،جاھىللىق ۋە قاششاقلىقنى تولۇقى بىلەن تەرك قىلىپ،ئىلىم،مەرىپەت ۋە ئىلغارلىققا ئىنتىلىش زامانىسى ئىدى.
1923-يىلى10-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.1934-يىلى يىل بېشىدا ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال تۈركىيە ئۈچۈن قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشقا تېگىشلىك ئىسلاھات ئىستىراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.شۇ يىلى،11-ئايدا ئۇ مىللەت مەجلىسىدە بەرگەن بىر قېتىملىق دوكلاتىدا مۇنداق دېگەنىدى:«مەدەنىيەتسىز ئەلنىڭ خەلقى دائىم مەدەنىي ئەل خەلقلىرىنىڭ تاپىنى ئاستىدا يانجىلىپ تۇرىدۇ،تۈركىيە ياشىماقچى بولىدىكەن چوقۇم غەربلىكلەرنىڭ ھازىرقى زامان دۇنياسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىش كېرەك.»⑤
دېمەك، ئاتا تۈرك ئەڭ ئىلغار مەدەنىي ھاياتتا ياشاۋاتقان غەربلىكلەردىن پەن-تېخنىكا ۋە يېڭىلىقلارنى ئۆگەنمىگىنىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەنە قايتىدىن ھالاك بولىدىغانىلىقىغا ئىشەنگەنىدى.شۇڭا، مۇستاپا كامال تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەربىر پۇقرانىڭ مەنىۋىيىتىدىن تاكى كىيىم-كېچىكىگىچە ئىسلاھ قىلىپ،ئىلغارلىققا ۋە زامانىۋىلىققا تېزدىن ياندىشىشقا چاقىردى.1925-يىلى ئاۋغۇستتىكى نۇتقىدا ئۇ ناھايىتى ئېنىق قىلىپ،پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە مۇنداق چاقىرىق قىلغانىدى:«ئەپەندىلەر،خانىملار،تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرالىغان تۈركلەر مەدەنىي كىشىلەردۇر.ئۇلار تارىختىمۇ مەدەنىي كىشىلەردىن ئىدى.ھازىرقى رېئال تۇرمۇشتىمۇ مەدەنىي ياشىماقتا.ئەمما،مەن سىلەرگە بىر تۇغقان قېرىندىشىڭلار،دوستۇڭلار ۋە ياكى ئۆز ئاتاڭلارغا ئوخشاش كۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئېيتايكى، مەدەنىي  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ  ئەزاسى بولغان كىشى چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى،روھى كەيپىياتى،ئائىلىۋى تۇرمۇشى ۋە تۇرمۇش ئادىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەدەنىي ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىشى ھەم ئىسپاتلىشى لازىم.بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا،ھەقىقىي مەدەنىي ھېسابلىنىدىغان تۈرك خەلقى ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپەتلىرىدىمۇ مەدەنىي ۋە ئىلغار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى كېرەك...دوستلار ئەمدى بىزنىڭ قەدىمكى تۇرانىيلارنىڭ فورمىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈشىمىز ۋە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى.مەدەنىي ھەم خەلقئارالىق كىيىملەر بىزنىڭ تۈركلىرىمىزگىمۇ يارىشىدۇ ھەم مۇۋاپىق كېلىدۇ.بىز مانا مۇشۇ كىيىمنى قوبۇل قىلايلى.ئۆتۈك،شىبلىت،شىم،كۆڭلەك،كاستۇم كىيەيلى،گالاستۇك تاقايلى.يۈرۈشى بىلەن بولسۇن دېسەك،بېشىمىزغا گىرۋەكلىك شىلەپە كىيەيلى...»⑥
قاراڭ، مۇستاپا كامال نېمىدىگەن كەسكىن!نېمىدىگەن ئۈزۈل-كېسىل ئىسلاھاتچى-ھە؟!ئۇ تۈركلەرنىڭ مەنىۋىيىتىدىن تاشقى كۆرۈنىشىگىچە بولغان ھەممە قالاق،قاششاق ۋە مۇتەئەسسىپ ھادىسىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلىماقچى بولغان.شۇ چاغلاردا ئۇ كاستامۇنۇ،ئىنەبۇلۇ قاتارلىق تۈركىيەنىڭ مۇتەئەسسىپ ئەنئەنىۋى كۈچلىرى ھەممىدىن كۆپ جايلىرىغا زىيارەتكە بارغىنىدىمۇ ئۆزى باش بولۇپ ياۋروپاچە كىيىنگەن.پۈتۈن ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكىلەرنىڭ ھەم شۇنداق كىيىنىشىنى تەۋسىيە قىلغانىدى.مۇستاپا كامالنىڭ بۇ غايىلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ھەممىسى ئەمەلگە ئاشتى.بۈگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى مەدەنىي ھاياتنى كۆپىنچىسى ئاتا تۈركنىڭ ئەنە شۇ كەسكىن ئىسلاھاتلىرىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارايدۇ.«1925-يىلى 2-سېنتەبىر كۈنى ئاتا تۈرك يەنە بەزى قانۇن-تۈزۈم ۋە مەنئىي قىلىش بۇيرۇقلىرىنى جاكارلاپ،دىنىي ئورگانلاردا ۋەزىپىسى بولمىغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ يەكتەك كىيىشى ھەم سەللە يۆگىشىنى مەنئى قىلدى.»⑦ئۇنىڭ بۇ قارارى ئەينى چاغلاردا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ناھايىتى زور قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.ئاتا تۈرك ئىسلاھات يولىدىن قەتئىي تەۋرىمىدى.شۇ چاغلاردا بەزى نوپۇزلۇق كىشىلەر ئاتا تۈرككە ئېتىراز بىلدۈرۈپ،تەرەققىياتنىڭ كىيىم-كېچەك بىلەن نېمە ئالاقىسى، دېيىشتى.ئەمما،مۇستاپا كامال 20-ئەسىردىكى ياۋروپانىڭ بوسۇغىسىدا ياشاۋاتقان جۇمھۇرىيەت قۇرغانبىر دۆلەتنىڭ گىراژدانى ئوسمانلى دەۋرىدىن قالغان يوغان سەللە،ئۇزۇن يەكتەك،پۇچقاقلىرى كەڭ،ئاغلىرى ساڭگىلاپ تۇرىدىغان كېلەڭسىز ئىشتانلىرىنى كىيىپ،خەلقئارادا يۈرسە،بولۇپمۇ ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان ئەللەردە يۈرسە كۈلكىگە قالمامدۇ؟دەپ قارايتتى.بۇنىڭلىق بىلەن مۇستاپا كامال ئەنئەنىۋى تۈرك مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلغىنى يوق،پەقەت ئۇنى يېڭى ھاياتىي قان بىلەن دۇنيا تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇردى.بۇ ھال ياپونىيەلىكلەرنىڭ مېيجى يېڭىلىقىدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى كىيىم-كېچىكى ۋافۇكۇنى پەقەت مۇراسىملىرىدىلا كىيىپ،ئادەتتە زامانىۋى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ يۈرۈشكىنىگە ئوخشايدۇ.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىزنىڭمۇ ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلىرىمىز خۇددى ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالغا ئوخشاش ياۋروپاچە كىيىنىپ،خەلقنى ئويغاتماقچى،ئىلغار مەدەنىيەتلەرگە يېتەكلىمەكچى بولدى.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندىلەرنىڭ كاستۇم،شىلەپە كىيىپ،گالاستۇك تاقاپ يۈرۈشلىرى دەل مۇستاپا كامالنىڭ بۈيۈك ئىسلاھات چۇقانلىرىنىڭ،ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ جەدىدچىلىك نىدالىرىنىڭ تەڭرى تاغلىرى ئېتەكلىرىدىكى ئەكس ساداسى ئىدى.تەرەققىيات كۈچىگە ئىگە بولمىغان ھەرقانداق شەيئى ھالاكەت مەنزىلىگە تېزدىن يېقىنلىشىدۇ.بۇ ئۇقۇم دۆلەت ۋە مىللەتكىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ.شۇڭا،مۇستاپا كامال،ئىسمائىل غاسپىرالى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،ئابدۇقادىر داموللا ۋە مەمتىلى ئەپەندىلەر ئۆز ئېلى ۋە ئۆز مىللىتىگە ھەقىقىي كۆيۈنگەن مىللەتپەرۋەرلەردۇر.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە تەكىتلىگەن يېڭىلىق،تەرەققىيات،مەرىپەتچىلىك ۋە ئىسلاھات ئىدىيەلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئىلغار غايىلىرىنىڭ ئىپادىسىدۇر.پەقەت مۇشۇ غايىلەرلا ئىنسانىي قىممەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ،مىللەتنى دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلالايدۇ.

ئىزاھاتلار:
①«ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى»شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2000-يىل8-ئاي نەشرى،34-35-بەتلەر.
②«فۇرقەت ياركەندە»،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى،2012-يىل3-ئاي 1-نەشرى،133-بەت.
③غەيرەتجان ئوسمان«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى،2012-يىل3-ئاي نەشرى،681-بەت.
④«مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2001-يىل نەشرى،48-بەت.
⑤⑥يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى«مۇستاپا كامال»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل11-ئاي نەشرى،276-،277-،278-بەتلەر.
⑦يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى«مۇستاپا كامال»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل11-ئاي نەشرى،279-بەت.
  مەنبە:«شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى »(ئىجتىمائىي پەن قىسمى) 2014-يىللىق 2-سان



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2017-2-21 11:34 , Processed in 0.125876 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش