تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 37|ئىنكاس: 0

تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ ‹‹قۇياش، پەرىشتە ۋە ئالۋاستى خاتىرىسى›› ناملىق ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ ‹‹قۇياش، پەرىشتە ۋە ئالۋاستى خاتىرىسى›› ناملىق ھېكايىسى ھەققىدە

                                                 مېھرىبان نىياز چوغلۇق

تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ "شىنجاڭ مەدەنيىتى''  ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 4-سانىدىكى ‹‹ قۇياش، پەرىشتە ۋە ئالۋاستى خاتىرىسى›› نامىدىكى ھېكايىسىنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ ھېكايە ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى   ھېكايىلەرگە ئوخشاش تەرتىپلىك بايان قىلىش ۋە سۇ‍ژېتنى ئاساس قىلىش قېلىپىدىن ئاللىبۇرۇن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئەسەرنى پىرسۇناژسىزلاشتۇرۇش ياكى پىرسۇناژنى كونكىرىتلىقتىن ئابىستىراكىتلىققا كۆتۈرۈشتە، خاسلىق ئارقىلىق ئومۇمىيلىقنى يارىتىشتا، سۇژېتنى سۇسلاشتۇرۇشتا خاسلىق ياراتقان ھېكايە دەپ قارىدىم. ھېكايە  قەلبىمگە شۇنداق يېقىن تۇيۇلدى. ئۇقۇش جەريانىدا كۈچلۈك ئىچكى ھاياجان ۋە تەپەككۇر كىسىشمىسدە بولدۇم. ئاددى بولسىمۇ، ھېس قىلغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇ ھېكايىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ھەققىدە ئازراق قەلەم تەۋرىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
  1. ھېكايىدە ئاڭ ئېقىنى پىروزىچىلىقىنىڭ تەسىرى ئىپادىلىنىپ چىققان. ئاپتۇر ھېكايە يېزىشتىن بۇرۇن مەن ئاڭ ئېقىنىدا ئەسەر يازىمەن دەپ بەلگىلەپ ئالمىغان، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندىكى پىسخىك روھىي ھالەت بۇ ھېكايىنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلىگەن ئەلۋەتتە. ئاپتۇر ھېكاينى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تەرتىپلىك بايان قىلماستىن، بەلكى پىرسۇناژنىڭ كۈچلۈك ئىچكى كەچۈرمىشى ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا يۈز بىرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى، ۋاقتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىنى پىسخىك كەچمىشىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلانما ئويلىرىنى ناھايتى ئەركىن ئىپادىلىگەن. شۇڭا بۇ ھېكايىدە ۋاقىت تەرتىپى يوق . ئۇنىڭدا مەننىڭ ئانىسىنى شەھەرگە داۋالاتقىلى ئەكەلگەنلىكىدىن ئىبارەت ئاساسىي يۆنىلىشنى تۇتقا قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئاساسىي يۆنىلىش ئىچىگە نۇرغۇن قىستۇرما خىياللار سىڭدۈرۈلگەن، قار يېغىۋاتقان شەھەر، قاردا ئېھتىيات بىلەن كىتىۋاتقان بوۋاي، بىر جۈملە دىئالوگ، تاماقنىڭ ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان تار كوچىدىكى ئاشخانا، سەھرا خىياللىرى، شەھەردىكى سېلىشتۇرما،  بىر ئادەمنىڭ تۇتقۇنسىز ئويلىرى... ئۇنىڭدا ھېسىيات ناھايتى تەبئىي بولۇپ، دەقىقە ئىچىدىكى نارازى بولۇش ياكى مەمنۇن بولۇش تۇيغۇسى، ھايات ھەقىقەتلىرىگە تۇيۇنغان پىكىرلىرى، يەنە شۇ ۋاقىتتىكى مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن شەكىللەنگەن ئىجابىي تۇيغۇلىرى يېزىلغان. ئاپتۇر يەتتە يەردە شەھەردىكى خىياللىرىنى، بەش يەردە سەھرا توغرىلىق ئوي-پىكىرلىرىنى ئۆزىنىڭ روھىي كەچمىشلىرى ئارقىلىق گىرەلەشتۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرگەن. يەنى شەھەردە تۇرۇپ، ئۇنىڭ سوغۇق باغرىدا سەھرادىكى كەچمىشلەرنى ئەسلىگەن. بۇ كەچمىشلەرنىڭ كونكىرىت ۋاقتى، پىرسۇناژلارنىڭ كونكىرىت ئىسمى بولمىغان. ماكاننىڭمۇ كونكىرىت ئىسىمى بولمىغان، پەقەت سەھرا دېگەن بىر نام ئاستىدا ئاپتۇر ئۇلانما ئويلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن، يەنى شەھەردىكى خىيال، بۇنىڭ ئارىسىدا سەھرادىكى كەچمىش، يەنە بىر سەكرەپلا شەھەر، يەنە بىر سەكرەپلا شەھەردىكى ياكى سەھرادىكى ئاللىقانداق بىر پىرسۇناژ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ پىرسۇناژ ئاساسىي پىرسۇناژ ئەمەس، ئۇنىڭ كونكىرىت تاشقى قىياپىتى يوق، پەقەت بىر-ئىككى ئېغىز دېئالوگى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى چاقناتقان. ئۇنىڭدا ئاپتۇر قەلىمىنىڭ، روھىنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈش يۆنىلىشىگە ئاساسەن ئەسەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن. روھىدىكى ئازاب، ئۈمۈدلەر ھەربىر دۈچ كېلىۋاتقان شەيئىي، مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن ناھايتى چىڭ بىرىكىپ تەبئىي ئېقىنغا ئوخشاش ئىېقىپ چىققان.
  ئۇنىڭدا قوش يۆنىلىشلىك سېلىشتۇرما پىكىرلەر بار بولۇپ، قۇياش ئانىنىڭ سەھرادىكى تۇرمۇشى بىلەن شەھەردىكى زامانىۋىيلىقنىڭ تەسىرىدە قەلىب چوڭقۇرلىقىغا سەل قارايدىغان ئادەملەر، ئوت مەزگىلدىكى سەھرا بىلەن قار مەزگىلدىكى شەھەر جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە پىسخىكا يۆنىلىشى بويىچە چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئاپتۇرنىڭ ئوي خىياللىرى سەكرەتمە، كىسىشمە ھالدا ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇ خىياللىرىنى تىل ياكى مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراتمىغان. ئانىسىنى خىيال قىلىپ تۇرۇپ ئالۋاستى سۈپەت ۋە پەرىشتە سۈپەت ئادەملەرنى ئەسلىگەن. قىسقىسى پىكىر ۋە ئورۇن چەكلىملىكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئوزۇن يىللىق تۇرمۇش تەجرىبىسىدىن كەلگەن خىياللىرىنى غېرىبلىق، سەرسانچىلىق ۋە مەدەنىيەت ياتلىشىشى، مۇھىت ئەندىكىشى قاتارلىق تۇيغۇرلىرى بىلەن باغلاپ ناھايتى ئەركىن ئىپادىلىگەن. بۇ ھېكايىدە ئاڭ ئېقىنى پىروزىچىلىقىنىڭ تەسىرى بەك كۈچلۈك گەۋدىلەنمىسىمۇ، لېكىن ئاڭدىكى توختاۋسىز خىياللارنى توسالغۇسىز ئىپادىلىگەن.
قار...ئېگىز بىنا... مېھرىبان ئادەم... چىرايلىق يول
بۇ ئايرىم-ئايرىم سۆزلەر ماھىيەتتە بىر پۈتۈن باغلىنىشنقا ئىگە.
2. ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان. ھېكايىدە ئىستىلسىتىكىلىق ۋاستىلەردىن ناھايتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بولۇپمۇ ئوخشىتىش ئەڭ كۆپ قوللانغان ھەمدە ئەسەردە كەم بولسا بولمايدىغان ھالقا بولۇپ قالغان. ‹‹قۇياش، پەرىشتە ۋە ئالۋاستى خاتىرىسى›› ناملىق بۇ ھېكايىدە ئانا نۇر چېچىپ تۇرىدىغان پاتماس قۇياشقا ئوخشىتىلغان. تەبىئەتتىكى قۇياش بىلەن ئانا قۇياش ئەسەردە گىرەلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىنسان قەلبىنى يۇرۇتۇشى ۋە پېتىپ كېتىشى ئىنسان ئېكولوگىيىسىنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. ئەسەردىكى پەرىشتە ھەقىقىي مەنىدىكى ئادەم ياكى ئاق خالاتلىق پەرىشتە. ئادەم پەرىشتە ھەم ئالۋاستى بۇلالايدۇ، تىنىمسىز دەۋرىنىپ تۇرىدىغان روھ ئۇنى ھەرخىل سىياقتا ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئەسەردە  ئادەمنىڭ روھىدىكى ئىككى ياقلىملىق يەنى يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. دوختۇرلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يۇرۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئەگەر ئۇلار قاراڭغۇ تەرىپىنى يىڭىۋالسا ئۇلارنىڭ ئادەمدىن پەرىشتىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئەگەر قاراڭغۇ تەرىپىگە يىڭىلىنىپ قالسا ئادەمدىن ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەسەردىكى ئالۋاستى خاترىسى كېسەللىك خاتىرىسىدىن ئىبارەت. مەن قۇياشقا ئوخشىتىلغان ئانىنىڭ كېسەللىك ئازابى بىلەن تەڭ ئازابلىنىدۇ، دوختۇرلارنىڭ پەرۋاسىزلىقى، ئۆلۈم ئالدىدىكى مەسئۇليەتسىزلىكى، ئادىمىيلىكنىڭ يوقىلىشى بىلەن مەننىڭ روھىدا يۈز بەرگەن قاتتىق ئۈمۈدسىزلىنىش، يوقىتىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مۇرەككەپ ئىچىكى تۇيغۇ خاتىرىسىدىن ئىبارەت. بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا پۇلدىن باشقىنى تۇنۇمايدىغان بەزى دوختۇرلار ئۆزىنىڭ قارا نىيىتى بىلەن ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاپتۇر بىر تەرەپتىن دوختۇرلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قاراڭغۇ تۇيغۇلىرىنى ئالۋاستى خاتىرىسى دەپ قارىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئانىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش جەريانىدىكى روھىي ئىزتىراپلىرىنى ئالۋاستى خاتىرىسى دەپ ئاتىغان.
3. ھېكايە تىلى نوقۇل ئۇچۇقلۇقتىن يېپىقلىققا قاراپ يۈزلەنگەن ھەمدە ھېكايىدە شېئىرىي، نەسىرىي تىل بولغان. بۇبىر پارچە ھېكايە بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدا ئارقا-ئارقىدىن ماسلىشىپ كېلىۋاتقان شېئىرىي رېتىم تۇسالغۇسىز ئېقىۋاتقان ئېقىن سۇدەك، ئاستا-ئاستا ئادەم قەلبىگە ئېقىپ كىرىۋاتقان بۇلاقتەك، قۇلاققا ياقىدىغان لىرىك ناخشىدەك بىلىنىدۇ. كۈچلۈك بىر خىل ئىچكى ھاياجان بىلەن ئاپتۇرنىڭ ئىلگىرى جۇغلىغان روھىي كەچمىشلىرى ۋە بىلىم جۇغلانمىسىنىڭ بىراقلا پارتىلىشىمۇ بۇ ھېكايىنىڭ تىلىنى شېئىري ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان ھەم بۇ ھېكايە كۈچلۈك ھېسىيات ئىزچىللىقىغا ئىگە بولغان. ھېكايە تىلىدىكى بىر-بىرىگە جىپسىلاشقان  قاپىيەلەرمۇ بۇنىڭ ئىسپاتى بۇلالايدۇ.
قار ئاستىدىكى مۇزدەك شەھەر
ئوت ئاستىدىكى ئوتتەك سەھرا
....................
مەڭگۈ قۇرىمايدۇ دېگەن شۇ سۇۋادان قۇرۇشقا باشلىدى.
مەڭگۈ سۇلمايدۇ دېگەن گۈل سۇلۇشقا باشلىدى.
مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ دېگەن ئوت ئۆچۈشكە باشلىدى.
بۇ بىر پارچە ھېكايە بولسىمۇ، لېكىن لىرىك نەسىرگە ئوخشاپ قالىدۇ. بولۇپمۇ ئىچكى ھېس-تۇيغۇنى لىرىكىلىق ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكى، سۇژېتنى سۇسلاشتۇرۇش، پىرسۇناژسىزلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ روھىي كەچمىش ئارقىلىق بىر مەزمۇننى ياراتقانلىقى بۇ ھېكايىنىڭ نەسىرىي ئالاھىدىلىكىنى كۈچەيتىدۇ.
ماۋيەن ماقالىسىدە «ئىنسانلاردا ئىككى خىل پاراسەت بار. بىرى شېئىرىي پاراسەت، يەنە بىرى مىللىي پاراسەت. ئەدەبىيات مۇشۇ ئىككى خىل پاراسەتنىڭ بىرىكمىسى، قانچە مىللىيلىققا يۈزلەنگەن ئەدەبىيات بارغانسېرى دۇنياۋىيلىققا يۈزلىنىدۇ»①  دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇشۇ قاراش بويىچە بىز بۇ ھېكايىدىن ھەم شېئىرىي پاراسەتنى ھەم تەكلىماكانغا خاس قىزىق، يېپىشقاق، ھەرقانداق جاپالىق شارائىتتىمۇ ئۈمۈتۋارلىق چاقناپ تۇرىدىغان مىللىي خاراكتېرنى كۆرەلەيمىز، بولۇپمۇ سەھرالىق جاپاكەش ئانا زىمىننى يۇرۇتۇپ تۇرىدىغان قۇياشقا ئوخشىتىلىدۇ، ئۇ  مەلۇم جەھەتتىن بىر مىللەتنىڭ مىللىي پىسخىكىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
4. ھېكايىدە سۇژېتنى سۇسلاشتۇرۇش ناھايتى مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان. ئەسەردە مەننىڭ ئانىسىنى داۋالاتقىلى ئۈرۈمچىگە ئەكەلگەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ئاساسىي سۇژېت بولۇپ،  ئاپتۇر ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن ئەسەرنىڭ سۇژېتىنى داۋاملاشتۇرغان. سۇژېتنىڭ جەريانىنى قىسقارتىپ، ھېس-تۇيغۇ ئارلىقىدىكى ئاندا-ساندا دىئالوگلار بىلەن سۇژېتنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. ۋەقەلىك ئىنتايىن ئاز ياكى كونكىرىت ۋاقتى ھەم ماكان ئېنىق بولمىغان دېئالوگلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پىسخىك ۋاقىت ئارقىلىق ئەسەردىكى سۇژېتنى سۇسلاشتۇرغان. ئەسەردە يەنە پىرسۇناژسىزلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان، بۇ دېگەنلىك ئەسەردە پېرسۇناژ يوق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى پىرسۇناژلار بەك غۇۋا ياكى مەلۇم بىر دىئالوگ بىر پىرسۇناژنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلغان. ئەلۋەتتە بۇ يەنە بىر تەرەپتىن سۇژېتنى سۇسلاشتۇرۇشنىڭ تۇلۇقلىغۇچىسى بولۇپ قالغان. سۇژېت ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىكى زىدىيەت-توقۇنۇش ئارقىلىق مۇرەككەپ بولغان ئىنسان خاراكتېرىنى يارىتىشنى مۇھىم دەپ بىلگەن. مەننىڭ ئانىسىنى داۋالىتىش جەريانىدىكى روھىي كەچۈرمىشى ئاساسىي سۇژېت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.
5. جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بۇنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ شەھەر مەدەنيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئىكەنلىكىنى ھەم كىشىلەردىكى ئەنئەنىۋى قىممەت قارشىدىن ۋە ئادەمنى ئاساس قىلىشتىن ياتلاشقانلىقىدىن ئىبارەت تەرەپنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى فونكىسىيە نەزەرىيىسى بويىچە قارىغاندا،  زامانىۋى مەدەنىيەت شەھەرگە ھەم سەھراغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئەخلاقىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى؟ دېگەن نوقتىلار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ نوقتا ئەسەردىكى مەننىڭ ئانىسىنى داۋالىتىىش جەريانىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى، ئۈمۈد-ئۈمۈدسىزلىكىرى، بۇنىڭغا قۇشۇلۇپ مەننىڭ ياشىغان جۇغراپىيىلىك ھەم پىسخىكىلق مۇھىتدىكى سەكرەتمە، ئەركىن ھالدا ئەكىس ئەتتۈرگەن روھىي كەچمىشلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ھازىرقى زاماننىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن روھىي ياتلىشىشى مەدەنىيەت ئۇچرىشىشىدا ۋە ئۆزلىكتىن ھالقيالماسلىقىدا گەۋدىلىنىدۇ. قانداق جەمئىيەت بولسا شۇنداق ئۆزلۈك بولىدۇ، ئەسەردىكى بىرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرىنى تەھلىل قىلىشتا، ئاۋال جەمئىيەتنى تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
سەھرا-باللىلىقتىكى نامراتلىق-بالىلارچوڭ بولغان، ئانا كېسەل بولغان....
شەھەر-ئۆزىدىن ياتلىشىش-پەرىشتە ۋە ئالۋاستى سىياق ئادەملەر...
بۇ ئىككى قۇردىن بىز ئەسەردىكى ئومۇمىي يۆنىلىشنى كۆرگەندەك بولىمىز.
   يىغىپ ئېيىتقاندا، تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ بۇ ھېكايىسى ئاڭ ئېقىنىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، ئەسەر ماۋزوسىنىڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇشى، ھېكايە تىلىنىڭ شېئىرىي ۋە نەسىرىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقى، سۇژېتنى سۇسلاشتۇرۇشنىڭ  ناھايتى قۇيۇقلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن دىققىتىمنى تارتتى. ھېكايىنىڭ كۈچلۈك ئىلھام بىلەن شېئىرىي كەيپىياتتا يېزىلغانلىقى ۋە شۇنداق بولسىمۇ بىر ئاساسىي سۇژېت لىنيەسى ئىچىدە نۇرغۇن مەسلىنى ئوتتۇرىغا تاشلىيالىغانلىقى ھېكايىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مۇۋاپىقىيىتى بوپتۇ دەپ ئويلىدىم.

ئىزاھات:
①        ماۋيەن:‹‹ئۆرپ-ئادەت مەدەنيىتىنىڭ قىزىلىشى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە››، ئىلىمىي ئىزدىنىش، 2003-يىللىق 7-سان


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2017-2-21 11:33 , Processed in 0.134951 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش