تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 96|ئىنكاس: 0

ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىدىكى دىنىي خۇراپاتلىققا قارشى تەركىپ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىدىكى دىنىي خۇراپاتلىققا قارشى تەركىپلەر

ئەزىز نىياز پاسىل

قىسقىچە مەزمۇنى:ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى ، پىكىردىكى چوڭقۇرلۇق، ئىدىيىدىكى ئىلغارلىق ۋە بەدىئىي ئىپادىلەشتىكى يۈكسەكلىلى بىلەن مىڭ يىلدىن بېرى كىتابخانلارنى مەنىۋى جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرۇپ ،ئىلھاملاندۇرۇپ، ئالغا يېتەكلەپ كەلمەكتە.نۆۋەتتىكى دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىڭ كىشىلەرنى ئىناقلىققا يىتىكلەش ئېلىپ بېرلىۋاتقان ۋەزىيەتتە ھەييام رۇبائىيلىرىنى تەھلىل قىلىشنىڭ  ئوقۇرمەنلەرنى تەربىيىلەشتە بەلگۈلىك ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمەن.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۆمەرھەييام ، ھەييام رۇبائىيلىرى، دىنىي خۇراپاتلىققا قارشى ئىدىيە
...............................
ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە چەتئەل ئەدەبىياتى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىمنىڭ ئۆمەر ھەييام ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىغان چېغىمدا بۇ بۇيۈك زات ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىغا قىزىقىپ قالغان ئىدىم.شۇندىن ئىتىبارەن ئۇنىڭ ھاياتىغا ئائىت ھېكايىلەرنى ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنى يىغىشقا باشلىدىم.يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا، ھەييام ھەققىدىكى تارىخى ماتىرياللارنىڭ ئاشكارلىنىشىغا، ھەييام رۇبائىيلىرنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ ئادەمگە بولغان قېزقىشىم تېخىمۇ كۈچەيدى. مەن نۇرمۇھەممەت ئىركى تەرجىمە قىلغان «ھەييام رۇبائىلىرى» ناملىق كىتابتىكى 300رۇبائىينىڭ ھەممىسىنى خاتىرەمگە ھۆسىخەت شەكلىدە كۆچۈرۈپ چىقتىم ھەم يادقا ئالدىم. نۇرمۇھەممەت ئىركى قەلىمى ئاستىدىكى ھەييام رۇبائىلىرىغا قارايدىغان بولساق ئۇ تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرگە پەقەتلا ئوخشمايدۇ، خۇددى ئۆزىمىزنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر...گە ئوخشاش كىلاسسىك ئەدىپلىرىنىڭ ئەسىرىدەكلا تۇيلىدۇ...
يېقىندا فرانسىيىلىك يازغۇچى ئەمىن مالوفنىڭ «سەمەرقەنت» ناملىق تارىخى رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، «مەشھۇر ئالىم، شائىر، پەيلاسوپ، ئۆمەر ھەييامنىڭ ھاياتى، ئۇنىڭ دۇنياغا مەشھۇر رۇبائىيلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخى، 11-ئەسىردىكى ئىجتىمائىي-سىياسى ھايات تەلقىنى، يېڭى پەيدا بولىۋاتقان تۈرلۈك دىنىي مەزھەپلەرنىڭ كۆرىشى ۋە 19- ئەسىرگىچە مۇسۇلمان دۇنياسىدا نامەلۇم بولغان رۇبائىيلار قول يازمىسىنىڭ ياۋرۇپادىكى شان-شۆھرىتى، ھەمدە بۇ قوليازمىنىڭ 1912-يىلى «تىتانىك» ناملىق پارخۇتنىڭ ھالاكىتى نەتىجىسىدە تېنچ ئوكياننىڭ تەكتىگە چۆكۈپ كەتكىنىگە ئائىت پاجىئەلىك ھېكايىلەر مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. مېنىڭ نەزىرىمدە ھەييام دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بىر گىگانىت شائىر ئىدى، ھەييام ئالامدىن ئۆتكىلى مىڭ يىل بولدى، دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، ھاياتلىق كۈنسىرى مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئىپادىلەش شەكىللىرى ئۈزۈكسىز پايدا بولۇپ، يېڭىلىنىپ تۇرۋاتىدۇ، نۇرغۇن شائىرلار دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئەدەبيات مۇكاپاتلىرىغا نائىل بولۇپ، ھەييام ئېرىشىپ باقمىغان كاتتا شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى، لېكىن رۇبائىي ژانىرىدا  ھىچكىم  ھەييامنىڭ ئىپادىلەش ماھارىتىگە يىتەلمىدى. ھەييام رۇبائىيلىرى ھېلى ھەم ئەدەبىيات-سەنئەت دۇنياسىدىكى رۇبائىي پادىشاھلىقىنىڭ تەختىدە مەغرۇرلۇق بىلەن ئولتۇرۇپتۇ...

شۇنداق بىر ھىسىياتنىڭ  تۈرتكىسىدە مەن، بۇ ئاددى يازمام ئارقىلىق ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىدىكى دىنىي خۇراپاتلىققا قارشى ئىدىيە ھەققىدىكى يۈزەكى قاراشلىرىمنى كىتاپخانلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا جۈرئەت قىلدىم.

         1. ھەييام
ئۆمەر ھەييام (مىلادى1040-1123-يىللار) ئوتتۇرا ئەسىردىكى پارىس خەلقىنىڭ مەشھۇر ئاسترونومى، ماتىماتىكى، پەيلاسوپى ۋە ئالەمشۇمۇل زەبەردەست شائىرى.
     «ھەييام»- شائىرنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى، بۇ سۆز پارىس تىلىدا «خىيمە»(چېدىرچى) دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
     ئۆمەر ھەييام ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خوراسان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى نىشاپور شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىگىدە نىشاپوردا ئەينى زاماننىڭ كاتتا ئۆلىماسى مۇۋەپپەقىددىن بىننى ئابدۇلەتىپ دىگەن كىشىنىڭ قولىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان. تىرىشچان، ئۆتكۈر ئۆمەر ھەييام ياش ۋاختىدىلا ماتىماتىكا، فىزىكا، گېئومېتىرىيە، ئاسترونومىيە، پەلىسەپە، ئىلاھىيەتشۇناسلىق، ئەدەبىيات، مىدىتسىنا، تارىخ  قاتارلىق پەنلەردە بىر قەدەر پۇختا ئاساس تۇرغۇزغان. يونان پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ۋە تەتقىق قىلىپ، بىلىم دائىرسىنى كېڭەيتكەن. كېيىن ئۇ يەنە ئەينى زامان تاجىك مەدەنىيىتى روناق تاپقان بەلخ، بۇخارا، سەمەرقەنىت قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ داۋاملىق ئوقۇغان. ئۇ ئۆتكۈر زېھنى ۋە كۈچلۈك تەپەككۈرى ئارقىلىق پۈتكۈل ھاياتىنى ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا بېغىشلاپ،كىشىلەرنى تاڭ قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ياۋرۇپا ۋە ئاسىيادا زور شۆھرەت قازانغان. بىر ئۆمۈر ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرغان. رىۋايەت قىلنىشىچە، ئۆمەر ھەييام ئالەمدىن ئۆتكەن چېغىدىمۇ قولىدا ئىبىن سىنانىڭ «ئەل قانۇن فىت تىپ» دىگەن كىتاۋىنى تۇتۇپ تۇرغانىكەن.
  2. ئادەمىي پەزىلەت بايانىدا
  ئۇ سەمەرقەنتكە تۇنجى قەدەم باسقان پەيتىدە ئىبىن سىنانىڭ بىر شاگىرتىنىڭ كوچىدا لۈكچەكلەر تەرىپىدىن ھاقارەتلىنىۋاتقان پەيتىگە توغرا كېلىپ قالىدۇ-دە، ئۆزىنىڭ نىمە بولۇپ كىتىشى بىلەن ھېساپلاشماي كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ «ئۇنى ئۇرماڭلا!» دەپ ۋارقىراپ، ئۇ بىچارىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. لۈكچەكلەردىن بىرى ھەييامنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كېلىپ: «ۋاي خۇدايىمەي! مەن نىشاپورلۇق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئۆمەر ھەييامنى تونۇماي قاپتىمەنغۇ! ئەستا، بۇ كىشى خۇراساننىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزى، پۈتۈن پارىس ئېلىنىڭ ئەڭ دانا كىشىسى، پەيلاسوپلارنىڭ شاھزادىسى ئۆمەر ھەييام ئەمەسمۇ!»(9) دەپ مەسخىرە ئارىلاش كۈلگەندە، ئۇنىڭغا مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ، مۇنۇ رۇبائىينى ئوقۇيدۇ:
     ئۆزىنى دانا بىلگەن بىر نەچچە نادان،
ئىشەك تەبىئىتىنى قىلار نامايان.
ئۇلار ئارىسىدا سەنمۇ ئىشەك بول،
بولمىسا «كاپىر» دەپ قىلىشار ئىلان.
خان داڭلىق شائىر، ئەللامىلەرنىڭ نەق مەيداندىكى ئىستىداتىدىن زوق ئېلىۋاتقان سورۇندا ھەييامنىڭ قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ:«ئاغزى ئالتۇن بىلەن تولدۇرۇلسۇن!»(38)  دىگەندە، خان يارلىقىنى ئىلىم ئەھلىگە نىسپەتەن خورلۇق ھىساپلىغان ئۆمەر ھەييام ئۆزىنىڭ روزا تۇتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، خان يارلىقىنى پەم بىلەن رەت قىلىدۇ. خان «ئىلتىپاتىمنى رەت قىلىشىڭنىڭ باشقا سەۋەپلىرى بولسا ئېيىت، مەندىن قورىقمىغىن!»(39) دىگەندە ھەييام ھىچ بىر ئىككىلەنمەستىن مۇنۇ رۇبائىينى ئوقۇيدۇ:
نىتەي مەن ئالدىڭغا ئېھسان سوراپ كەلسەم؟
ناچار، يېلىڭمەن دەپ، دانۇ نان سوراپ كەلسەم؟
بار بولسا، ئۆتۈنەي، سېخى بول، بەرگىل،
ئىنساندەك ياشاشقا ئىمكان سوراپ كەلسەم.

پۈتۈن سورۇن تىمتاسلىققا چۆكۈپ، سۈرلۈك تۈس ئالىدۇ. كىشىلەر جېنىدىن تويغان ھەييامدىن ئەنسىرىشىپ قورققىنىدىن ئەركىنرەك نەپەس ئېلىشقىمۇ پېتىنالمايدۇ. بىر پەستىن كېيىن «خان ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، سالماق قەدەم بىلەن ھەييامنڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى باغرىغا مەھكەم باسىدۇ»(2). ئەمەلىيەتتە ھەييام شۇ چاغدا نە تۇرالغۇسى، نە يىمەك-ئىچمىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان، باشقىلارنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇش كۆچىرىۋاتقان كۆك نامرات بىر كەلگۈندى ئىدى.
ھەييام خانغا يېقىنلاشسا مەرتىۋىسىنىڭ ئۆسىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشى پاراۋانلىقتا ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما بۇنداق تۇرمۇش ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. ئۇ قەتىي ھەلدا:«ساراي ھاياتى مېنى قىزىقتۇرالمايدۇ. بىردىنبىر ئارزۇيۇم: ئۆزۈمگە خاس رەسەتخانا- يۇلتۇزلارنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئىگە بولۇش» دەيدۇ.
ھەييام ماتېماتىكا، ئاستېرونومىيە، پەلىسەپە، تىببى ئىلىم ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىزدىنىش جەريانىدا شۇنداق بىر ھەقىقەتنى بايقايدۇكى، «ئالىملاردىن ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئالىملارنىڭ پىكىرلىرىگە قوشۇلماسلىق، بۇنى ئىسپاتلاشقا ئۇرنۇش مەقسەت قىلىنغان ئەسەرلەرلا قالىدۇ، خالاس. كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئىنكار قىلىنغان قانۇنىيەتلىرنىلا ئەسلەپ قالىدۇ. لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار ئىسپاتلىغان غايىلەرمۇ كېيىنكى ئەۋلاتلار تەرىپىدىن  كۈلكىلىك ھالدا تەنقىت قىلنىشى شۈبھىسىزدۇر. ئىلىم بوستانىدا ھۆكۈم سۈرىدىغان مەڭگۈلىك قانۇنىيەت مانا شۇ. ئەمما شىئېرىيەت مۇنداق قانۇنىيەتتىن مۇستەسنا. شائىرلار ھېچقاچان ئۆزلىرىدىن بۇرۇن يارىتىلغان شىئېرىيەت دۇردانىلىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ. بۇلار ئەسىرلەر داۋامىدا ئەۋلادلار تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلىۋېرىدۇ. رۇبائىي يېزىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇنىڭدا. رىيازىيەەت بىلەن شۇغۇللانسام، ئەقىلنى تاڭ قالدۇردىغان رەقەملەر، ئاسترنومىيە ئىلمى، مەۋجۇداتنىڭ تېپىشماقلىق تېپىشماقلىق سىرلىرى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئىلاھى ئىلھام، قەلبىمگە شىئېرى زوق بېغىشلايدۇ.»(43) مانا بۇلار ئۆمەر ھەييامدىكى باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشتەك يۈكسەك پەزىلەتنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ .
    3. ئىلمىي كامالەت مەنزىللىرى
     ئىبىن سىنانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تىبابەتتە ھىچكىم ئۆمەر ھەييام بىلەن تەڭلىشەلمىگەن(42)     ئۇ ئىجاتقىلغان كالىندار «مەلىكشاڭ كالېندارى» نامى بىلەن مىلادى 1079-يىلىمارت كۈنى تەنتەنىلىك ھالدا پۈتۈن مەملىكەتكا جاكارلانغان ئىدى.(127)
ئۆمەر ھەييام ئالگېبراغا زور تۆھپە قوشقان،« ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى «ئالگېبرالىق مەسىلىلەرنىڭ ئىسپاتلىنىشى» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەجداتلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىرگۈزلۈپ، روشەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. ئۇ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچۈنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى سىستېمىلىق ھالدا تۈرلەرگە ئايرىپ، ھەر بىر تۈر تەڭلىمىگە قارىتا سان قىممەتلىك يېشىملەرنى بېرىپلا قالماستىن، يەنە گىئومېتىريىلىك يېشىمنىمۇ بەرگەن. ئۈچۈنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىگە قارىتا بىر خىل گىئومېتىريىلىك ئۇسۇلنى، يەنى ئىككى كونۇس ئەگرى سىزىقىنى ئۆزئارا كېسىشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېشىمنى تاپقان. بۇ خىل ئۇسۇل ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەپ ماتىماتىكىسى ئۈچۈن قوشۇلغان ئەڭ مەشھۇر تۆھپىلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئالگېبرا ئىلمىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر قېتىملىق بۇيۈك باشلىنىش، دەپ قارالغان»(3)
4.ھەيام رۇبائىيلىرىدىكى دىنىي خۇراپاتلىققا قارشى ئىدىيە


    ھەييام روبائىلىرى نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ،مەزمۇن دائىرسىمۇ ناھايىتى كەڭ بولۇپ بىز تۈۋەندە بۇ رۇبائىيلاردىكى دىنىي خۇراپاتلىققا قارشى ئىدىيىلەر ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز .
   1. پەلسەپىۋىلىكى كۈچلۈك
ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ قىممىتى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پەلسەپىۋىلىكىنىڭ كۈچلۈك، پىكىرلىرىنىڭ ئۆتكۈرلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ ئالەم ۋە ئىنسان توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنى ئاددى، چۈشىنىشلىك تىللار بىلەن بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. شۇڭا، ھەييام رۇبائىلىرى چۈشىنىشلىك، تەسىرلىك بولۇپ، ئىلھاملاندۇرۇش، پىكىرنى قوزغىتىش رولىنى ئويناپ، كىتابخانلارنى چوڭقۇر تەپەككۇرغا سالىدۇ.
بىر كىلەر ۋە كىتەر بۇ ئەجەپ دۇنيا،
يوق ئاڭا ئىپتىدا ياكى ئىنتىھا.
كەلدۇق بىز قەيەردىن بارىمىز قايان،
بۇنىڭغا بەردى كىم قېنى جىڭ باھا.

تىل جەھەتتە شائىر شېئىرىي ھىسىياتقا تولغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكى، مىسرالارنىڭ قاپىيىسى گۈزەل، ئاھاڭدار بولغانلىقى سەۋەپلىك، ئوقۇغاندا كىشى خۇددى بىر يېقملىق ناخشا-مۇزىكىنى ئاڭلىغاندەك، ئۆزىنى خۇددى رۇبائىيلاردا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىك ئىچىدە تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. كىشى ئوقۇغانسىرى ئۇنىڭدىن ئېستېتىك زوق ئالىدۇ. بەدىئىي ئەسەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بۇ تولىمۇ قىممەتلىك، ئەلۋەتتە.
2.ماتىرىيالىستىك پىكىرنىڭ ئالغا سۈرلىسى ۋە ئاتىزىم قارىشى
مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر ھامان ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ھەييام رۇبائىيلىرىدا ھەييامنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ئىجتىمائىي رىياللىق، دىندىن گۇمانلىنىش، خۇدانى مەسخىرە قىلىش، ھۆكمىرانلار سىنىپىنىڭ دىن ئارقىلىق سالغان بويۇنتۇرۇقلىرىغا قارشى تۇرۇش  توغرىسىدىكى ئەستائىدىل ئىزدىنىشلىرى  گەۋدىلەنگەن.
شائىر ئۆمەر ھەييام خۇدانى، دننى ھەمدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەدىرىس پەلسەپىسى ۋە ئىسلام ئەقىدىلىرىنى مەسخىرە قىلىپ، ھۆرىيەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسى ۋە گۇمانلىنىش نەزىريىسىنى تارقىتىدۇ.
كىم كۆردى جەننىتىڭ دوزىخىڭ ئەي دىل؟
كىم كەلدى ئۆلگەندىن قىل گېپىڭ ئەي دىل؟
بىز قورققان، يېلىنغان نەرسىنىڭ ئاڭلا:
ئىسمى بار، جىسمى يوق ...مۇشۇ –جىڭ،ئەي دىل!
شائىر   يەنە بىر رۇبائىيسىدا ئىلاھى كۈچكە مۇنداق خىتاب قىلىدۇ:
كۇزامنى يۇقاتتىڭ سۇندۇرۇپ، رەببىم!
ياپتىڭ بەخىت ئىشىكىنى، سەن ئۇرۇپ رەببىم!
گۈل رەڭلىك شارابىم تۆكتۈڭ يەرگە سەن،
قالدىڭمۇ سەن ياكى مەسىت بولۇپ رەببىم؟!
  شائىر بۇ پىكىرنى بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان، يەنە كېلىپ ئىراندەك دىنىي ئەسەبىلىك تازا ئەۋجىگە چىققان بىر شەھەردە ئوتتۇرىغا قويغان. شائىر بۇ رۇبائىيدا، شۇ چاققىچە ھىچكىشى قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان خۇراپىي ئىتىقاتقا، مەۋھۇم ساماۋىي كۈچكە قارشى ھۆرىيەتپەرۋەر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
        بىر جامكى، ئەيلەمىش ئىختىرا ئەقىل،
        قەدىرلەپ شۇ جامغا يۈزنى سۆيدى بىل.
        «پەلەك» نام كوزىچى شۇنداق جام ياساپ،
        ئارقىدىن  يەرگە  ئۇ،  ئۇرىدۇ  سىجىل...
     شائىر بۇ رۇبائىيدا ئىلاھى كۈچنىڭ ئاتىيىن ئادەم يارتىپ، ئۇنى ئارزۇ-ئارمانلاپ ئىنسانلىق قىيامىغا يەتكۈزگەندىن كېيىن ھالاك قىلغانلىقىدىكى مەنتىقىسىزلىقنى پاش قىلىدۇ-دە، پەلەككە ۋە پەلەكنىڭ شۇنداق غەلىتە قىلىقلىرىغا ئادالەتسىزلىكلىرىگە نەپرەتلىنىدۇ.
ھەييام رۇبائىيلىرى يەنە شۇنىڭ بىلەن ئەھمىيەتلىككى، ئۇ ئەمەلىيەتچىدۇر، ئەمەلىيەتچىلىكنىڭ تەرغىباتچىسىدۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ئۆز زامانىسىغا كۆرە، ھەييامنى ماتىريالىستىك قاراشقا ئىگە دەپ ئېيتىش مۇمكىن، ئۇ ، مۇنداق دەيدۇ:
كىچە مەن تۇيغۇمدا ساماغا چىقىپ،
دوزاق ھەم بىھىشنى يۈردۈم ئاختۇرۇپ.
بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ، دوزاق ھەم بىھىش
ئۆزەڭدە!-دىدى ئۇ، يۈرمە ئاھ ئۇرۇپ.
  ھەييام بۇ كىچىككىنە ھېكايە ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدە ئىنسانلارغا جەننەت-دوزاق دىگەننىڭ ئەمەلىيەتتە يوق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئاشكارە ئېلان قىلىدۇ.
     بار ئىمىش«پەرۋىن» دەپ كۆكتە بىر كالا،
     ھەم بىرى كۆتەرمىش يەرنى ئاستىدا.
     شۇ ئىككى ئۆكۈزنىڭ ئورتىسىدا سەن،
     يۈرىشكەن بر تۈركۈم  ئىشەككە قارا.
بۇ رۇبائىيدا ھەييام ئىسلام رىۋايەتلىرىدىكى: ئاسماننى بىر كالا مۈڭگۈزىدە تىرەپ تۇرىدۇ، يەرنىمۇ بىر كالا مۈڭگۈزىدە تىرەپ تۇرىدۇ...» دىگەنلەرگە ئىشەنگەن دىنىي ئەسەبىيلەرنى ئىشەككە ئوخشۇتۇپ مەسخىرە قىلىدۇ.
  

        3. ھەجۋى پۇرىقى قويۇق
ئۇ ئۆز رۇبائىيلىرىدا، ئوتتۇرا ئەسىردىكى پادىشاھ-ۋەزىرلەرنى، بەگ-قازىلارنى، مۇتىئەسسىپ ئىماملارنى مەسخىرە ۋە ھەجۋى قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ھەجۋىيلىرى باشقا شائىرلارنىڭكىدەك قىپيالىڭاچ ۋە ئاشكارە بولماستىن، بەلكى قاتمۇقات پەردە ئىچىگە ئورالغان. ھەييامنىڭ يۇمۇرلىقى كۈچلۈك ۋە ئۆتكۈر بولغان ھەجۋىي رۇبائىيلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
   مەسچىتكە كەلمىدىم مەن نامازنى دەپ،
   كەلدىم مەن بىر نەزرە-نىر نىيازنى دەپ.
   بىر قېتىم ئوغرىلاپ كەتتىم جايناماز،
   بۇ نۆۋەت كەلدم ھەم جاينامازنى دەپ.
قىزىقارلىقى شۇكى، ھەييام تولا چاغلاردا باشقىلارنىڭ بولمىغۇر ئىشلىرىنى پاش قىلماقچى ياكى ئەيىپلىمەكچى بولسا، ئۆز رۇبائىيلىرىدا گۇيا شۇ بولمىغۇر ئىشلارنى ئۆزى قىلغان تەرىزدە ئېيتىپ، ئۇنىڭغا ئىستىھزا بىلەن كۈلىدۇ. بۇ ئەدەبىياتتىكى غايەت زور ئەپچىل ماھارەت بولۇپ، يۇقىرىدىكى رۇبائىي ئەنە شۇ ماھارەتنىڭ نەمۇنىسى. شائىر بۇ رۇبائىيدا كۆرنىشتە ئۆزىنى مەسچىتكە نەزرە-نۇزرەتنى ماراپ بارىدىغان، جايناماز ئوغۇرلايدىغان ئوغرى دىگەن بولۇپ، ئاستىرىتتىن گەپنى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە نامازخان، تەقۋادار ئادەم كۆرنىدىغان، ئەمما پەيتى كەلسە ھەرقانداق نەپسانىيەتچىلىكتىن يانمايدىغان رىياكار ساختىپەزلەرگە دارىتىدۇ ۋە ئۇلارنى كېلىشتۈرۈپ قامچىلايدۇ.
تۆۋەندىكى رۇبائىيلاردىمۇ ھەييام ئۆزىنى پاش قىلغان، تەنقىت قىلغان بىر ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئاغزىدا مۇسۇلمانچىلىق دەۋاسىنى قىلسىمۇ، ئەمەلى ھەرىكىتىدە باشقىچە بولغان ساختىپەزلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ:
   مەي-شاراپ ئىچسەممۇ مەسىتلىك قىلمىدىم،
   رۇمكىدىن باشقىغا قولنى سوزمىدىم...
   مەيپەرەس بولۇشتىن غەرىزىم نىمە؟
   ئۆز پەرەس بولۇشتىن يېنىش مەقسىتىم.

  بىر قولۇم قۇرئاننى تۇتتى ،بىرى جام،
  گاھىدا ھالال مەن،  گاھىدا ھارام.
  كۆك گۈمبەز ئىچىدە بىزلەر ياشىغان،
  يا ئەمەس مۇسۇلمان، يا كاپىر تامام.
ئۆمەر ھەييام بىر قىسىم رۇبائىلىرىدا تەڭرى نامىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ، خەلىقنى قاقتى-سوقتى قىلغان، ھەممە ئەسكىلىكى ئۆزلىرى قىلىپ، باشقىلارغا بەتنام قىلغان موللا-قازىلارنى مەسخىرە قىلىدۇ:
   دانا بىلگەن ئۆزىنى ئۇ ئۈچ-تۆت نادان،
   ئېشەك تەبىئىتىنى قىلار نامايان.
   ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە سەنمۇ ئىشەك بول،
   بولمىسا دەپ «كاپىر» قىلىشار ئېلان.

   ئەي مۇپتى بىز سەندىن پۇركارراقتۇرمىز،
   ھەرقانچە مەسىت بولساق ھۇشارراقتۇرمىز.
بىز ئىچتۇق تەك قېنى، سەن ئادەم قېنى،
ئىنساپ قىل قايسىمىز خۇنخورراقتۇرمىز.
             4. ئىستىلىستىكا
ھەييام ئۆز رۇبائىيلىرىدا، ئۇدۇل ئوخشىتىش، يۇشۇرۇن ئوخشىتىش ۋە قەدىمقى ئارقىلىق كۆز ئالدىدىكى رىئاللىقنى ئېچىش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ئۈنۈملۈك قوللىنىپ، ئۆز رۇبائىيلىرىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان. مەسىلەن:
       بىر ئوت بار يۈرەكتە ماڭا بەر شاراپ،
       بۇ ئۆمۈر قاچماقتا، قاچقاندەك سىماپ.
       قوپ ئويغان، ئىقبال ئۇ چۈش كەبى كېلەر،
       قوپ، كېتەر ياشلىقنىڭ ئوتى مىسالى ئاب.

       ئادەم بىر شىشىدەك، جان ئۇنىڭدا مەي،
       ئادەم بىر نەي بولسا، جان ساداسى نەي.
       بىلەمسەن ئادەمنى، نېمە ئۇ، ھەييام؟
       بىر خىيال پانۇسى، ساڭا دەپ بېرەي.
5. تىلىنىڭ گۈزەللىكى
ھەييام رۇبائىلىرىنىڭ تىلى خەلق تىلىغا ئەڭ يېقىن، ئۇ خەلق تىلىدىن ئەڭ ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان. ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا نائىل بولالىشى ۋە خەلق ئارسىغا كەڭ تارقىلىپ ئومۇملىشىشىدىكى سەۋەبمۇ مانا شۇ يەردە.
     تۆۋەندىكى رۇبائىينى ئوقۇساق ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئىنتايىن گۈزەللىكىنى ھىس قىلىمىز.
گۈل دىدى: يۈسۈپ مەن، مىسىردۇر چىمەن،
ئاغزمدا لەببا-لەب زەر-ياقۇت دىگەن...
مەن دىسەم دەلىل تاپ، ئېيتتى ئۇ مەڭا.
مانا قان قاراب باق كۆڭلىكىمگە سەن.
     ئىراننىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق يازغۇچىسى، پارىس كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى سادىق ھىدايەت(1903-1951) ئۆزىنىڭ «ھەييام شىئېرلىرى» دېگەن كىتابىدا ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ: «ھەييامدىن كېيىن بىر قىسىم مۇتەپەككۇر ۋە شائىرلار ئۆزلىرىنى ھەييام ئۇسلۇبىنى ئۆگەندۇق، ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلدۇق، دەپ ھېسابلاشتى. لېكىن ھەييامنىڭ خىسلىتى ۋە جاسارىتىنى، ئۇنىڭ پىكرىنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇرلىقىنى ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق شائىر ئۆگىنەلىگىنى يوق، ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل ۋە كۆركەم ئىپادىلەش ئۇسلۇبى پەقەت ھەييامنىڭ ئۆزىگىلا خاس. ئۇ ئەڭ مۇۋاپىق سۆزلەرنى تاللاپ، ئۆز ئىدىيىسى ۋە مەقسىتىنى ئىپادىلەيتتى. ئۇنىڭ شىئېرلىرىنىڭ قاپىيىلىرى ئاھاڭدار، يېقىملىق ۋە ھىسىياتلىق، ئۇنىڭ ئوخشىتىشلىرى ۋە يۇشۇرۇن ئىپادىلەشلىرى ئەپچىل ۋە ناھايىتى تەبىئىي. ئۇنىڭ ئىپادىلەش ماھارىتى ۋە پەلسەپىۋى ئىدىيىسى بىر پۈتۈن پارىس ئەدەبىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى شائىرلارنىڭ ئىدىيىسىگىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارغا كەڭ زىمىن ئېچىپ بەردى. ھافىز شىرازى بىلەن شەيىخ سەئىدى يىڭى-كونا شەيئىلەرنىڭ ئۆز ئارا ئورۇن ئالماشتۇرىشى، ماكان ۋە زامان، خۇشاللىق ھەمدە ‹مەي›، ‹شاراب›،‹يار›، ‹گۈل›ئوبرازلىرى ئارقىلىق غەم-غۇسسىنى چىقرىش ھەققىدە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر شىئېرلارنى يازغانىدى. لېكىن ئۇلارمۇ بۇ جەھەتلەردە ھەييام چىگرىسىغا يىتىپ بارالمىدى» («چەتئەل ئەدەبىياتى»، بېيجىڭ ئونۋېرسىتېتى نەشىرياتى 1982- يىلى1-نەشرى 75-بەت) دېگەنىدى. ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ قىممىتى توغرىسىدىكى يۇقىرىدىكى باھا قىلچىمۇ مۇبالىغە ئەمەس.
ئىزاھات
1. زارىف دولانىت «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيە تارىخىدىن ئوچىرىكلار» شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشىرياتى 2002-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى
2. ئەمىن مائالوف «سەمەرقەنت» (تارىخى رومان) بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى 2010-يىلى 12-ئاي 1- نەشرى 39-بەت
3. «ئەرەپ-ئىسلام مەدەنىيىتى» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2000-يىلى 7-ئاي 1-نەشرى 447-بەت
4.مۇھەممەت ئىمىن:«چەتئەل ئەدەبىياتى»، شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى، 1999-يىل1-ئاي 1-نەشرى(465-471)-بەتلەر
5.«ھەييام رۇبائىيلىرى» ،مەركىزى مىللەتلەر نەشىرياتى، 1981-يىلى نەشرى



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2017-2-21 11:36 , Processed in 0.140134 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش