تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

توغراق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 36|ئىنكاس: 0

يېتىك ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  يېتىك ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەققىدە

                                                             ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، بۈيۈك ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەققىدە، تارىخ كىتابىدىكى پاكىت ئاساسىدا، مېغىزلىق بايان بېرىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئاماننىساخان، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، ئابىدە تۆھپە.

  ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى دېگىنىمىز، ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە، ئۇيغۇر ئەمگەكچى خەلقى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان، مىلادىيە 16-ئەسىرگە كەلگەندە، مۇقامشۇناس ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ۋە ئالىم قەدىرخان ياركەندىي قاتارلىقلار تەرىپىدىن رەتلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئون ئىككى يۈرۈش ئۈچيۈز ئاتمىش ئاھاڭ ۋە ئۇنىڭغا جۆرە قىلىنغان ئۈچ مىڭ تۆرت يۈز ئوتتۇز ئالتە مىسرا شېئىردىن تەركىپ تاپقان بىباھا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئېيتىلىدۇ.
   ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ رەتلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى قاتارلىق بۈيۈك ئەمگەكلەردىكى يېگانە تۆھپىسى توغرىسىدا، خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەردىن باشقا، 19-ئەسىردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن ئالىم ئىسمەتۇللاھ نىئمەتۇللاھ مۆئجىزىي 1855-يىلى يازغان ئىناۋەتلىك تەزكىرە ئەسىرى «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن» (مۇزىكانتلار تەرجىمىھاللىرى)دا مۇنداق قىممەتلىك بايانلار بار:
   «(مۇسىقا فەنىنىڭ) ئون يەتىنجى پىرى مەلىكەئى ئاماننىسا خانىم ئەردى. بۇ خانىم سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننىڭ زەۋجەلەرى ئەردى. شائىرەئى يىگانەئى دەۋران ئەردى. ‹دىۋانى نەفىسىي› ئاتلىغ شىرىن بىر كىتابنى تەسنىف قىلىپ ئەردىلەر. ھەم خەتتاتلىقدا ئۇستادگۈل ئەردى. ھەم مۇسىقا فەنىدە ئانداغ ساھىبى كەمال ئەردىكىم، سۇلتان بۇ مەلىكەگە ئاشىقى بىقەرار ۋە شەيدايى شىفتەلىقتە بىئىختىيار ئەردى. سۇلتان بۇ مەلىكەنى ئەقدىغە كىرگۈزۈش ۋاقىئەسى ئانداغدۇركىم، سۇلتان ۋۇزەرا، ئۇمەرا، لەشكەرلەرى بىلەن پايىتەخت ياركەنددىن ئاتلانىپ، تارەم دەرياسىنى بويلاپ، تەرك مەكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندىلەر. بىر نەچە گۈن ئاندا بولدىلار. كەچەسى سۇلتان دەھقانچە سادە ئەسكى كىيىملەرنى كىيىپ، قونۇچى مۇسافىر سۈرەتىدە بولۇپ، سەھرا ياقالارىداكى ئۆيلەردە غەرىبانە قونار ۋە بۇ رەۋش بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىييەلەرغە زۇلم-سىتەم قىلغان ئىشلەرىنى تەھقىقلەر ئادەتى ئەردى. ۋاقتىكى، سۇلتان مەزكۇر رەۋشلەرىچە بىر خەرابە ئۆيگە قونۇچى سۈرەتىدە بولۇپ، ئەكرەم نام بىر مەھرەمى بىلەن كىردى. ئول ئۆي مەھمۇد ئاتلىق بىر ئوتانچىنىڭ ئۆيى ئەردى. بۇ مەلىكە شۇل مەھمۇدنىڭ ئاجىزەسى ئەردى. سۇلتان قارايدۇركى، بۇ ئۆينىڭ بۇرجەكىدە بىر تەنبۇر بار ئەردى. سۇلتان مەھمۇددىن سوردىكى، تەنبۇرنى چالىپ بەرگەي. ئول ئايدىكى: ‹مەن تەنبۇر چالىشنى بىلمەسمەن. ئۇشبۇ قىزىمىز  ماڭا تەنبۇر ئالىپ بەرىڭ دەپ خەفا قىلىپ ئالدۇردى. قىزىم چالىدۇر› دەپ ئەردى، سۇلتان: ‹قىزىڭىز چالىپ بەرسۇن› دەدى. مەھمۇد قىزىغا ئەمرى قىلدى. قىز تەنبۇرنى كەلتۈرۈپ، پەنجگاھ مۇقامىغا ئانداغ چالدىكىم، سۇلتان ھەيران قالدى. تۇرفەراق بۇكىم، قىز ئۆزى ئايتقان بۇ شىئرنى مۇقامغا قوشۇپ ئوقۇپ ئەردىكىم، سۇلتان بۇ قىزنىڭ مۇھەببەتىدە ئاشىقى بىقەرار ۋە بىھۇش بولۇپ كەتتى. شىئرى بۇ ئەردىكى، مەتلەئ:
ساڭا يۈز شۈكۈر يا رەب بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ،
فەقىر-مىسكىنغە سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ.
ئۇشبۇ غەزەلنىڭ مەقتەئى بۇ نەۋئ باغلانىپ ئەردىكىم، مەقتەئ:
كەچەيۇ گۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقەددۇسغا،
كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتىغ گۇناھ قىلدىڭ.
غەزەل تەمام بولغاندا، سۇلتان ئالدىراپ سورادىكى: ‹نەفىسىي دەگەن شائىر كىم؟ سىز بۇ غەزەلنى قايەردىن ئۆرگۈنۈپ ئەردىڭىز؟› دەگەچ، قىز: ‹كىشىنىڭ غەزەلىنىمۇ ياد ئالىپ ئوقۇمدىكەن كىشى؟ مەن نەۋائىي، فۇزۇلىي ۋە زەلىلىينىڭ شىئرلەرىدىن ئۆزگەنى ئوقۇمايمەن. بۇ غەزەل ئۆزۈمنىڭ. ‹نەفىسىي› مەنىڭ تەخەللۇسۇم› دەدى. نەچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سوردى. ئاتاسى: ‹ئون ئۈچ ياشقا كىردى› دەدى. سۇلتاننىڭ يانا ھەيرەتى ئارتدى. ئاڭاغاچە ئاماننىسا خانىم قوفۇپ ئۆزى پۈتكەن بىر قانچە ئەبياتلارنى كۆرسەتتى. خەتىنىڭ ھۆسنى قىزنىڭ ھۆسنى بىلەن بەھس قىلار ئەردى. پادىشاھ بۇ خەتنى بۆيلە كىچىك نارەسىدە پۈتكەنىگە ئىشەنگۈسى كەلمەي: ‹قەنى ئەمىسە، مەن قاراپ تۇراي، شىئر پۈتۈپ باقىڭ› دەگەچ، قىز دۈۋەت، قەلەم، كاغەز كەلتۈرۈپ، بۇ بەيتنى پۈتۈدى: مەتلەئ:
يا رەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەب سۇئى زەن ماڭا،
گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا.
سۇلتان كۈلدى: ‹ئىشەندىم، مەنى ھەجۋ قىلماسىلا› دەدى. مەھرەمى بىلەن تاشقارى چىقىپ: ‹بىز ھەلە كەلسەك› دەپ، لەشكەرگاھغا بارىپ، ۋەزىر، ئەمىرلەرغە كۆرگەن ۋاقىئەنى بەيان قىلدى. باشلارىغا تاج، ئۈستلەرىغە دەۋاج يافتى. دەرھال ئون قوي، شايە-ئەتلەس مۇھەييا قىلىپ، تۈن ھەسسەدە، قىرىق كىشى مەھمۇدنىڭ ئۆيىگە بارىپ، مەقسەدنى بەيان قىلىپ، پادىشاھ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ، توي قىلىپ، قىزنى نىكاھىغا ئالدىلار. يىگىرمە يىل پادىشاھنىڭ نىكاھىدا تۇردى. بۇ قىزغا خۇدايىتەئالا ئانداغ ئەقل-فەراسەت ئەتا قىلىپ ئەردىكى، تەئرىفدىن مۇستەغنىدۇر. ‹دىۋانى نەفىسىي›نى تەسنىف قىلدى. ‹ئەخلاقى جەمىلە› ئاتلىق بىر كىتابكىم، مەزلۇملارغا نەسىھەتدۇر، تەسنىف قىلدى. ‹شۇرۇھۇل قۇلۇب› ئاتلىغ بىر رىسالە تەسنىف قىلدى. شائىرلىق، مۇغەننىيلىك، خەتتەتلىق توغراسىدا بۇنىڭدەك مۇفىد كىتاب ئازدۇر. ‹ئىشرەت ئەنگىز› ناملىغ بىر مۇقام ھەم بۇ مەلىكەنىڭ ئىختىرائاتلارى ئەردى. سۇلتان كەمالى غەيرەت يۈزىدىن ئۆز ئاتىغا نىسبەت بەرىپ مۇغەننىيلەرغە ئۆرگەتتىلەر. بۇ مەلىكە ئوتۇز تۆرت ياشلارىدا، تۇغۇتدا ئالەمدىن كەتتى دەپدۇرلار.» (ئېلىندى: «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن» قوليازما، 34-35-36-بەتلەر،) (يېشىمى: ‹مۇزىكا پېنىنىڭ› ئون يەتتىنچى پىرى مەلىكەئى ئاماننىسا خانىم ئىدى. بۇ خانىم سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننىڭ خوتۇنى ئىدى. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يىگانە شائىرەسى بولۇپ، «دىۋانى نەفىسىي» ناملىق ئېسىل بىر كىتابنى يازغان ئىدى. خەتتاتلىقتا ماھىر ئۇستاز ئىدى. مۇزىكا ئىلمىدىمۇ شۇقەدەر يۇقىرى كامالەت ئىگىسى ئىدىكى، سۇلتان ئابدۇررەشىدخان شۇ ۋەجدىن ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز مەپتۇن بولغان ئىدى. سۇلتاننىڭ بۇ مەلىكىنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىش جەريانى مۇنداق بولغان: سۇلتان بىر كۈنى، ئۆز ۋەزىر، قوماندان ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەخت ياركەنددىن ئاتلىنىپ، تارەم (ئاسمان، پەلەك) دەرياسىنى بويلاپ، تەكلىماكان چۆلىگە ئوۋغا چىقىدۇ ۋە بىر نەچچە كۈن شۇ يەردە ئوۋ ئوۋلاپ يۈرىدۇ. مۇنداق چاغلاردا، سۇلتاننىڭ كېچىلىرى دېھقانچە ساددە كىيىملەرنى كىيىپ، قونۇچى مۇساپىر قىياپىتىدە بولۇپ، سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غېرىۋانە  قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن، ئەمەلدارلارنىڭ پۇقرالارغا زۇلۇم-سىتەم قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى.  شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كېچىسى، سۇلتان ‹ئەكرەم › ئىسىملىك بىر قوغدىغۇچىسى بىلەن بىللە، بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى قىياپىتىدە كىرىپ كېلىدۇ. بۇ ئۆي ‹مەھمۇد› ئىسىملىك بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى. بۇ مەلىكە بولسا، مۇشۇ مەھمۇدنىڭ قىزى ئىدى. سۇلتان ئۆينىڭ ئىچىگە كۆز سېلىپ قارىسا، ئۆينىڭ بۇرجىكىدە بىر تەمبۇر تۇرۇپتۇ. شۇڭا، مەھمۇدتىن تەنبۇر چېلىپ بېرىشنى ئۆتۈندى.
مەھمۇد: ‹مەن تەنبۇر چېلىشنى بىلمەيمەن. ماۋۇ قىزىم ماڭا تەمبۇر ئېلىپ بېرىڭ› دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان، ئۇنى قىزىم چالىدۇ دېدى. سۇلتان: ‹ئۇنداق بولسا، قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن› دېدى. مەھمۇد قىزىغا ئەمىر قىلدى. قىز تەنبۇرنى ئېلىپ كېلىپ، پەنجگاھ مۇقامىغا شۇنداق چالدىكى، سۇلتان ھەيران-ھەس قالدى. بولۇپمۇ، قىز ئۆزى يازغان بىر شېئىرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇۋىدى، سۇلتان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە كۆيۈپ، بىھۇش بولۇپ كەتتى. قىز يازغان ئۇ شېئىرنىڭ باشلانما بېيىتى مۇنداق ئىدى ‹يېشىمى›:  
ئى ئاللاھ، ساڭا مىڭ رەھمەت! بىزگە ئادىل پادىشاھ بەردىڭ،
    پېقىر-مىسكىنلەرگە ئابدۇررەشىدخاننى باشپانا قىلدىڭ.
بۇ غەزەلنىڭ چۈشۈرگە بېيىتى مۇنداق باغلانغان ئىدى (يېشىمى):
ئەي نەفىسىي، مۇقەددەس ئاللاھغا كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىن سەن،
ئەگەر شاھىڭ ھەققىدە دۇئا قىلمىساڭ قاتتىق گۇناھ قىلغان بولىسەن.
غەزەل تامام بولۇشىغىلا سۇلتان ئالدىراپ سورىدى: ‹نەفىسىي دېگەن شائىر كىم؟ سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن؟›. قىز: ‹خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ ئوقۇمدىكەن كىشى؟ مەن نەۋائىي، فۇزۇلىي ۋە زەلىلىيلەرنىڭ شېئىرلىرىدىن باشقىنى ئوقۇمايمەن. بۇ غەزەل ئۆزۈمنىڭ، نەفىسىي مېنىڭ تەخەللۇسۇم› دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان ئۇنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىدى. ئاتىسى: ‹ئون ئۈچ ياشقا كىردى› دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى. ئاڭغىچە، ئاماننىسا خانىم قوپۇپ، ئۆزى يازغان بىر نەچچە شېئىرنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى. خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى. پادىشاھنىڭ بۇ خەتنى شۇنچىلىك كىچىك نارەسىدەنىڭ يازغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي: ‹قېنى، مەن قاراپ تۇراي، بىر شېئىر يېزىپ بېقىڭ› دېگەنىدى،  قىز دۈۋەت، قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ، مۇنۇ بېيتنى يازدى (يېشىمى):
ئى ئاللاھ، بۇ بەندە ماڭا ئەجەبمۇ گۇمان كۆزىدە قارىدى،
بۇ ئۆيدە بۇ ئاخشام مەن ئۈچۈن گويا بىر تىكەن ئۈندى.
سۇلتان كۈلۈپ: ‹ئىشەندىم، مېنى مەسخىرە قىلمىسىلا› دېدى ۋە قوغدىغۇچىسى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ: ‹بىز ھېلى كېلىمىز› دەپ كېتىپ قالدى.
سۇلتان لەشكەرگاھىغا بېرىپ، ۋەزىر ۋە قوماندانلىرىغا باياتىن بولغان ۋەقەنى بايان قىلىپ بەردى. بېشىغا شاھلىق تاجىنى تاقاپ، ئۈستبېشىغا دەۋاج كىيدى. دەرھال ئون قوي ۋە شايى-ئەتلەسلەر تەييارلاندى. تۈن يېرىمىدا، قىرىق كىشى مەھمۇدنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، مەقسەتنى بايان قىلدى. پادىشاھ ئۆزىنى ئاشكارىلاپ، توي قىلىپ، قىزنى نىكاھىغا ئالدى.
بۇ مەلىكە يىگىرمە يىل پادىشاھنىڭ نىكاھىدا تۇردى. ئاللاھۇتەئالا بۇ قىزغا شۇ قەدەر يۈكسەك ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغانكەنكى، تەرىپلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇ ‹دىۋانى نەفىسىي›نى تۈزدى. خوتۇن-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى ‹ئەخلاقى جەمىلە› (گۈزەل ئەخلاق) ناملىق بىر كىتاب يازدى. يەنە ‹شۇرۇھۇل قۇلۇب› (قەلبلەر شەرھلىرى) ناملىق بىر خاس ئەسەر يازدىكى، شائىرلىق، مۇزىكانتلىق ۋە خەتتاتلىق سەنئىتىگە دائىر بۇنىڭدەك ئېسىل كىتاب ئاز ئۇچرايدۇ. ‹ئىشرەتەنگىز› ناملىق بىر مۇقامنىمۇ مۇشۇ مەلىكە ئىجاد قىلغان ئىدى. كۈچلۈك رەشىك يۈزىسىدىن سۇلتان بۇنى ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىپ، مۇزىكانتلارغا ئۆگەتكەن. بۇ مەلىكە ئوتتۇز تۆرت يېشىدا، تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەن، دېيىلدۇ.)
   مېنىڭچە، يۇقىرىقى بايانلار بىزگە ئاز دېگەندىمۇ مۇنداق بىر نەچچە بىلگە-ئېنىق چۈشەنچە بېرىدۇ:
   بىرىنچى. ئاماننىساخان دولان دىيارىدىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر مەھمۇدنىڭ ئۆيىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىكلىكىدىنلا مۇزىكىغا ھېرىسمەن، ئەدەبىيات-سەنئەتنى قىزغىن سۆيۈدىغان، مۇزىكا چالىدىغان ۋە شېئىر يازىدىغان تالانتلىق قىز ئىدى. ئون ئۈچ يېشىغىچە ئائىلە مائارىپىنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ، «نەفىسىي» تەخەللۇسلۇق شائىرە ۋە مۇزىكانت بولۇپ يېتىلگەن.
   ئىككىنچى. ئاماننىساخان ياركەند سەئىدىييە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى پادىشاھى ئابدۇررەشىدخانغا ياتلىق قىلىنىپ، خانىش (خاننىڭ ئەشى، يەنى پادىشاھنىڭ خوتۇنى) بولغان. سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننىڭ ھوزۇرىدا، قەدىرخان ياركەندىي قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلىگەن، مۇكەممەللەشتۈرگەن، ھەتتا ئۆزى «ئىشرەتەنگىز» (ھاياتنى جانلاندۇرغۇچى، ياشامنى روھلاندۇرغۇچى) ناملىق بىر مۇقامنى ئىجاد قىلىپ، مۇقامشۇناسلىققا بىۋاسىتە تۆھپە قوشقان.
   ئۈچىنچى. ئاماننىساخان نەفىسىي يالغۇز «دىۋانى نەفىسىي»نى يازغان شائىرە ۋە «ئىشرەتەنگىز» ناملىق مۇقامنى ئىجاد قىلغان مۇزىكانتلا ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقىنىڭ كۈلكىسى ئۈچۈن كۈلۈپ، يىغىسى ئۈچۈن يىغلىغان جامائەت ئەربابى، مىللەتنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە ئومۇمىي مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بۈيۈك ھەسسە قوشقان يېتىك ئالىمە ئىدىكى، ئۇنىڭ ئۆز زامانىسىدا «ئەخلاقى جەمىيلە» (گۈزەل ئەخلاق) ۋە «شۇرۇھۇل قۇلۇب» (قەلبلەر شەرھى) ناملىق ئەخلاقشۇناسلىق ھەققىدىكى ھىدايەتكار ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغانلىقى بۇ نۇقتىنى دەلىلەيدۇ.
   بىز تۆھپىكار ئەجداد ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىينىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى باش بەلگە بولغان ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسى ئۈچۈن قوشقان قىممەتلىك تۆھپىلىرىنى ئىپتىخار ۋە شۈكرانىلىرىمىز بىلەن ئەسكە ئالغان ۋە خاتىرىلىگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىدە، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش يولى بىلەن يېتىلگەن بىر ئالىمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز، بەلكى ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۆرنەك ئىنسانلىقىنى ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن تىلغا ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. شەكسىزكى، بۈگۈنكى مەدەنىي رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان دەۋرىدە، بۇ تېخمۇ نەق ۋە تېخىمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەلۋەتتە.
2012-يىل، 13-سنتەبىر، بېيجىڭ.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

06.

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|Comsenz Inc.

GMT+8, 2017-2-21 11:33 , Processed in 0.107873 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By ئۇسلۇب ئۆزلەشتۇرگۈچى: رىفات

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش